باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كورىيە زۇڭتۇڭى مون جائىن بىلەن كۆرۈشتى

2017.07.07 17:30   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ كورىيە زۇڭتۇڭى مون جائىن بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 6-كۈنى بېرلىندا كورىيە زۇڭتۇڭى مون جائىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، مەدەنىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكى روشەن. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش قوشما ئاخباراتىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە زور بەخت ئاتا قىلدى، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ مون جائىننىڭ كورىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىشى، خاس ئەلچىنى جۇڭگوغا زۇڭتۇڭنىڭ ئىمزالىق خېتىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئەۋەتىشى جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، نازۇك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى ئاكتىپ ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى، مەن بۇنى ئالقىشلايمەن. بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، بىز بۇنداق بۇلۇشىنى خالىمايمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى كورىيەگە ۋە جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىگە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، جۇڭگونىڭ جۇڭگو-كورىيە دوستلۇقىنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەيدانى ئۆزگەرمىدى. بىز جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 25 يىل بولغان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كورىيە بىلەن بىرلىكتە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئەستايىدىل ئەسلەپ ۋە يەكۈنلەپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بالدۇرراق ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىدىغان توغرا يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ئىككى تەرەپ مەۋقەنى ئومۇمىيەتكە قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. كورىيەنىڭ جۇڭگو كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى تېزلىتىلىدۇ
    ·ش ئۇ ئار نىڭ ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 5-ئىيۇل باشلاندى
    ·2017-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى…
    ·8-ئايدا 4387 يېزا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە تارىخ دېگەندەك پەنلەر ئوقۇتۇشىدا چوقۇم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ 
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا بەش يىلدا 60 مىڭدىن ئارتۇق يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىندى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ