باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

«ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشتە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش»نى چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسىتىلدى، يۈ جېڭشىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.07.07 17:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 7-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا، 70-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشتە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش»نى چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسەتتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  ئەزالار مۇنداق قارىدى: ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش داۋامىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك ئىشلەندى، لېكىن قىسمەن رايونلاردا ئىش ئورنى يارىتىش قىيىن بولۇش، قىسمەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش، قىسمەن كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشى قىيىن بولۇش، خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش قىيىن بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ساقلانماقتا.

  بەزى ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشتە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، كارخانىلارنى ئاساس قىلىش، يەرلىك تەشكىللەش، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پايدىسىنى كۆپەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەبلەغ ئاساسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، بولۇپمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش داۋامىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كارخانا تەتقىقاتىنى بىرمۇ بىر يولغا قويۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەت، كارخانا، شەخسنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، يېڭىچە مۇلازىمەت كەسپى، جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى قىلىش كېرەك. بايلىقى تۈگىگەن شەھەر، مۇستەقىل زاۋۇت، كان رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا ئالاھىدە سىياسەت چىقىرىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. مەبلەغدە ئالدى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەدلىيەلىك توڭلىتىشتىن كەچۈرۈم قىلىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگەتكەن پۇقراۋى كارخانىلارغا ياردەم بېرىشنى ئويلىشىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسىتىنى ياخشىلاش كېرەك. كېسەل، مېيىپ، يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ باشقا جايدا قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋە سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشتە دېموكراتىك تەرتىپنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىلىش ھوقۇقى، ئىشتىراك ھوقۇقى، بايان ھوقۇقى، نازارەت ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر