باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى بەرپا قىلىشتىكى تەجرىبىلىرى

2017.07.10 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى 56 مىللەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئاساسى. ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۇلانخات شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا 2-يىللىق بىرىنچى سىنىپىنىڭ موڭغۇل ئوقۇغۇچىسى شىن نۈەننۇەن بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا موڭغۇلچە خەنزۇچە قوش تىل مائارىپىدا ئوقۇدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز ئۇلانخات شەھىرىدىكى موڭغۇل ئوتتۇرا مەكتىپى بولسىمۇ، لېكىن ھازىر كۆپلىگەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ مەكتىپىمىزدە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇلارمۇ موڭغۇل تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدۇ. ھازىر مەكتىپىمىزدە كىمنىڭ خەنزۇ، كىمنىڭ موڭغۇللىقىنى ھەرگىز پەرق ئېتەلمەيمىز. ئۆز ئارا گىرەلەشمە شەكىلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە جەمئىيەت شارائىتى كىشىلەرگە تەڭ مەۋجۇت بولۇش، تەڭ ئۆگىنىش، تەڭ ئىشلەش، تەڭ خۇشال بولۇشتىن ئىبارەت ئىناق مەنزىرىنى نامايەن قىلىدۇ.

  شاڭخەي شەھىرىدە خۇيزۇ مىلىتىدىن بولغان ليۇ يۆچىن بىلەن ئۇنىڭ سىڭلىسى ليۇجەن ئاچقان قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئۆتكەن ئون يىلدا مەسلىھەت سوراش تېلېفونىدىن 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك قوبۇل قىلدى؛ ھازىر شاڭخەيدىكى مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان كوزىرغا ئايلاندى. بۇ قىزىق لىنىيەلىك تېلېفوننىڭ خىزمەت مەزمۇنى لايىق تونۇشتۇرۇش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، مائارىپ ۋە قانۇن جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەۋر تېمىسى، ۋەزىيەتكە ماسلىشىشتا بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئىدىيەسى، ۋاسىتىسى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ۋە تۈرلۈك يانفون تېرمىنالى قاتارلىقلارنىڭ تىز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى تاراتقۇ سەھنىسىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى بازىسىغا ئايلاندى. سەنشى ئۆلكىسى خۇگۈەن ناھىيەلىك مىللەتلەر دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ئۈندىدار سۇپىسىغا تايىنىپ، مىكرو دەرسخانا تەسىس قىلدى؛ مىكرو تەشكىلات قۇردى؛ ئۇچۇر يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر دىن ساھەسىدىكى ئەربابلارنى مىكرو تەشكىلات ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەردىن مەسلىھەت سوراشقا يېتەكلىدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستى سۇبيېكتىپلىق ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى بەرپا قىلىشتا ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن نۆلدىن باشلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 2015-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، سانجى ئوبلاستى 2012-يىلى نام بەرگەن ئوبلاست دەرىجىلىك 940 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇننىڭ ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن نۆلدىن باشلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى. باھالاشتا لاياقەتسىز بولغان 104 ئورۇننىڭ شەرەپلىك نامىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇ تەدبىر ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ بەرپا قىلىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماستىن يەنە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى، تەسىر كۈچىنى كۈچەيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر