باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىنتېرنېت قوشۇلغان ئەقلىي ئېنېرگىيەدە ئۈلگە كۆرسىتىشنىڭ 55 تۈرى ئېلان قىلىندى

2017.07.10 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى 6-ئىيۇل ئىنتېرنېت قوشۇلغان ئەقلىي ئېنېرگىيەدە ئۈلگە كۆرسىتىشنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 55 تۈرىنى رەسمىي جاكارلاپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىش باشلاپ بولۇش ھەم 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قۇرۇپ بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۆلكە دەرىجىلىك ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش تۈر قۇرۇلۇشلىرى ۋە يۈرۈشتۈرۈشنى قوللايدىغان يەر، باھا، بازار، مەبلەغ، باج، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تەرەپلەردىكى سىياسەت تەدبىرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە تۈزۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرسا بولىدۇ. ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى ئېلېكتىر، نېفىت، گاز قاتارلىق مەخسۇس ئىسلاھات سىنىقى خىزمىتىگە تەڭ قەدەمدە كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار جانلىق باھا سىياسىتى، رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى ۋە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئالدىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ. ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىدە، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە پىلانىدا بېكىتىلگەن ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى، تىرىلمە ئېنېرگىيە نورمىسى، كاربون سودا نورمىسى، تىرىلمە ئېنېرگىيە تولۇقلىمىسى قاتارلىق كۆرسەتكۈچ نورمىلىرىنى ئالدىن ئىشلەتسە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر