باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان جىنايى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك پەقۇلئاددە ئېغىر ناھەق، خاتا دېلودىن 34 ى تۈزىتىلدى

2017.07.10 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئۈنۈمى سانلىق مەلۇماتى دوكىلاتىنى» ئېلان قىلىپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق نامايەن قىلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ شىخاۋ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: سوتلاش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋاسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ئىدىيىسى ۋە سوتلاش قېلىپىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

  خۇ شىخاۋ مۇنداق دېدى: 2013-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى جىنايى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك پەۋقۇلئادە ئېغىر ناھەق، خاتا دېلودىن 34 نى تۈزەتتى. 2014-يىلىدىن 2016-يىلغىچە مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى قانۇنسىز ئىسپاتنى يوققا چىقىرىپ 1- سوت ئاچقان جىنايى ئىشلار دېلوسى 2765 بولۇپ، مۇھىم گۇۋاھچىنىڭ سوتقا چىقىش نىسبىتى، تەھقىقلىگۈچىنىڭ سوتقا چىقىش نىسبىتى تەدرىجى ئاشقان.

  خۇ شىخاۋ يەنە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەدلىيە جاۋابكارلىقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا سوتلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزىمىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئىسلاھاتتىن كېيىن، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەنھا سوتچى، كېڭەشمە سوت ئارقىلىق ھۆكۈمنامىنى تارقاتقان دېلونىڭ نىسبىتى %98 تىن ئاشتى، دېلونى قاتلاممۇ قاتلام تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئەھۋالىدا ئۈزۈل كېسىل بۇرۇلۇش بولدى.

  تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن چوڭقۇر پايدىلىنىشقا ئەگىشىپ، «ئىجرا قىلىش تەس بولۇش» قېلىپىدا زور بۆسۈش بولدى. ھازىرغىچە لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ ئۇچۇرىدىن 7 مىليون 490 مىڭى ئاشكارىلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر