باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى

2017.07.10 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ئىيوردانىيە ھاسىل قىلغان سۇرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 9-ئىيۇل چۈش سائەت 12 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى. شۇ كۈنى كەچكىچە، ئۇرۇش توختىتىلغان رايوندا كۆرۈنەرلىك قوراللىق توقۇنۇش بولمىدى.

  دىرا ئۆلكىسىدە يېقىندا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى يۇز بەردى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ۋەزىيەت بىر قەدەر تىنچىدى، دىرا شەھىرىدىكى بىر پۇقرا مۇنداق دېدى: شەھەردە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۇز بەرمىدى، كىشىلەر نورمال ھەرىكەت قىلدى. بىراق ئۇ يەنىلا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلدى.

  سۇرىيەلىك تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئۇرۇش توختىتىلغان بىر قىسىم رايونلارنى ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلات كونترول قىلىپ تۇرماقتا، ئىسرائىلىيە بىلەن قوشنا بولغان ئۇرۇش توختىتىلغان رايون بۇندىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى، شۇڭا، ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش يەنىلا كۆپلىگەن مۇقىمسىزلىققا ۋە خىرىسقا يولۇقماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر