باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلىرى، كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى

2017.07.10 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئۈلۈشكۈن ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، جياكاڭ، چېن شيەن، شېن ليەنتاۋ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ۋە جۇڭگو 1-ئېغىر ماشىنىسازلىق گۇرۇھى شىركىتى، شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى، كۇاڭشى پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ھەرىكەت سىجىل ياخشىلاندى، قۇرۇلما، ئۈنۈم ۋە بازار ئىشەنچىسىمۇ ياخشىلاندى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، لېكىن كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات قىيىنچىلىقى يەنىلا بىر قەدەر كۆپ، ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەم خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن يىللىق تەرەققىياتنىڭ نىشان ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاش كېرەك. بۇ بىر نەچچە نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىقتىسادىمىزنى مۇقىم ھالدا ياخشىلاندى دېيىشكە بولىدۇ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كېيىنكى يېرىم يىلدا بۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ قىسقا مەزگىللىك سىياسەتكە تايانماستىن، بەلكى قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە ھەقىقىي تايانغان، ئەلۋەتتە، بۇنىڭ كەينىدە يەنە ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىلىك كۈچى بار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈردى، يەنە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىمۇ ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇردى، سىياسەت ئۈنۈملۈك بولدى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ماكرولۇق سىياسەت، بازار كۆزلىمىسى، پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتىنى داۋاملىق پۇختىلاپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، خېيىم-خەتەرلەرنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي گەۋدىنى كۈچەيتىشنى ھالقىلىق تەدبىر قىلىش لازىم. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس، قىممەت بولۇش مەسىلىسى يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك. يېقىندا مەن بىر قىسىم ماتېرىياللارنى كۆردۈم، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ساداسى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن، بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ يۈكسەك دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بۇلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بېرىپ تاقىلىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساس، خەلق تۇرمۇشىنىڭ نېگىزى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە كەلگۈسىدىكى يېڭىلىق يارىتىشقا مۇناسىۋەتلىك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كونىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تىجارەت، سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەمىنلەش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈم يارىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈشنى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ شەرتىگە ئايلاندۇرۇپ، كەسىپنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ماكانىنى تىرەپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ رولى بىزنىڭ پەرىزىمىزدىنمۇ يۇقىرى، ئۇ-جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ-يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى تېخنىكا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەنئەنىۋى كەسپلەرنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. بىزنىڭ تۇنجى قەدىمىمىز يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى ئىش ئورنى يارىتىشىغا تىرەك بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ھازىر بىز بۇ پەيتكە يېتىپ كەلدۇق، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز سۈرئەتتە يېتىلمەكتە، ئۇ-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ-جاپالىق بىر جەريان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر