باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھەمكارلىق كۆۋرۈكىنى بىرلىكتە سېلىپ بىرلىكتە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2017.07.10 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش خاتىرىسى

  رەئىس شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەمدە گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ 100 سائەتكە يېقىن، 30 مەيداندىن كۆپرەك ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيەگە قىلغان سەپىرى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋىتىگە ھاياتى كۈچ قوشتى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدى، يەر شارىنى تۈزەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  4-ئىيۇل كەچتە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى بېرلىن تايگىر ئايرودۇرۇمىغا قوندى؛ رەئىس شى جىنپىڭ بېرلىنگە يېتىپ كەلگەن ئاخشىمى زۇڭلى مېركېل خۇسۇسىي كەچلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئالىي رەھبىرىگە ھاردۇق چېيى بەردى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى پارىژ مەيدانىنى ئايلاندى، لىبىرمان قەدىم جايىدا چاي ئىچىپ، مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ھەققىدە پاراڭلاشتى، دۆلەتلەر ھەمكارلىقى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدەندى. بىر يېرىم سائەت قىلىپ بەلگىلەنگەن پائالىيەت ئۈچ سائەت داۋاملاشتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە مۇنداق ئۈچ مەنزىرە كىشىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر بەردى.

  بىرىنچى مەنزىرە، گېرمانىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى، ئەتىگەندىلا يامغۇر يىغىۋاتاتتى.رەئىس شى جىنپىڭ قارشى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئۆسمۈر بالىلارغا كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا"بۈگۈن يامغۇر يىغىۋاتىدۇ، سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن دېدى. بالىلار تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق، ئۇ ئىنتايىن چىقىشقاق ئىكەن، يەنە بىز بىلەن پاراڭلاشتى دېدى.

  ئىككىنچى مەنزىرە، بېرلىن ھايۋاناتلار باغچىسى، جۇڭگودىن ئېلىپ بېرىلغان مۈشۈك ئېيىق مېڭمېڭ بىلەن جياۋچىڭنى ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينىشى مەيداندىكىلەرنى شادلاندۇردى. گېرمانىيەنىڭ شىمالى ۋېستىفالىن ئىشتاتى ئېسسېن شەھىرى بولې ئالىي ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى ئاۋگۇست بۇگ ئۆزى سىزغان مۈشۈك ئېيىق رەسىمىنى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە سوۋغا قىلدى. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى پېڭ لىيۈەن بۇ مەكتەپنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئىدى، رەئىس شى جىنپىڭ رەسىمنى ئېلىپ مۇلايىملىق بىلەن مەن بۇ رەسىمنى ئۆيىگە ئېسىپ قويىمەن دېدى.

  ئۈچىنچى مەنزىرە، بېرلىن ئولۇمپىيە تەنتەربىيە مەيدانى ، قۇياش نۇرى پارلاپ ئوت چۆپلەر سىلىنچىدەك كۆرۈنەتتى. رەئىس شى جىنپىڭ مېركېل بىلەن جۇڭگو گېرمانىيە ياش ئۆسمۈرلىرى پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسىنى ئىشتىياق بىلەن كۆردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ كىچىك پۇتبولچىلىرىغا مۇنداق دېدى: سىلەر جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ پۇتبول ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى.

  ئارىدىن 45 يىل ئۆتۈپ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى يېزىلدى.

  دۇنيا ئىقتىسادىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشى يەنىلا ئاجىز بولماقتا. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش مۇساپىسى دوقمۇشقا كېلىپ، قاياققا بېرىشنى تاللاشقا يولۇقماقتا. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدا مەيدانغا كەلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈستىدە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، تەڭ مەنپەئەتلىنىشتىن ئىبارەت ئىجابىي سىگنال تارقىتىش ياكى تارقىتىلماسلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تاراتتى.

  7-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ھەمبۇرۇگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىنى ئېچىلدى. دۇنيادىكى 20 ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ باشلىقلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھەمكارلىق كۆۋرۈكىنى بىرلىكتە سېلىشنى ئورتاق كېڭەشتى؛ بىرلىكتە گۈللىنىش زور پىلانىنى ئىلگىرى سۈردى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈستىدە جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق شەرھلىدى: جۇڭگو ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ؛ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى بىرلىكتە ئاچىدۇ؛ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بولىدۇ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تىزگىنلەشنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇلدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىپادىسى يەرشارىلاشتۇرۇشنى قەتئىي قوغداپ، بېيجىڭنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ، رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنى ۋە ھەر قايسى باسقۇچلۇق يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىپىرلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىق ، كۆچمەنلەر قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىنى شەرھلەپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى؛ يەر شارىنى تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈردى.

  يىغىنغا قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە شى جىنپىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن باغلاش ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  كورېيە زۇڭتۇڭى مۇنجەييىن بىلەن كۆرۈشكەندە رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىز تەرجىمىھال كىتابىڭىزدا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ كېيىنكى دولقۇنى ئالدىنقى دولقۇننى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، سىياسىيون بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئېقىمغا ماسلىشىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغۋار ئىستىكىڭىزنى ئىپادىلەپسىز، بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  مارالاگو قورۇقىدا كۆرۈشۈپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ تىرامپ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شى جىنپىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش پىرىنسىپىنى تەكىتلىدى. 8-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى. تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەر شارىنى تىزگىنلەش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارىنى تىزگىنلەش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوغداشنى تەڭ تىلغا ئالدى.

  ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە شى جىنپىڭ يەنە سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى. ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى: بىز قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى، ئورتاق گۈللىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئالغا باسايلى!

  جۇڭگو ساداسى بۇنىڭ بىلەن دۇنياغا تارقالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر