باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

2017.07.10 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ھەر قايسى پەن تۈرلىرى، تۈرلەر ۋە تۈركۈملەر بويىچە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىجتىمائىي پەن تۈرلىرى بويىچە، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول چېكى: خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇر چېكى 476، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نومۇر چېكى 412، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى (تۆت يىللىق)نىڭ نومۇر چېكى 389، تەبىئىي پەن تۈرلىرى بويىچە، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول چېكى: خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇر چېكى 481، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نومۇر چېكى 391، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى (تۆت يىللىق)نىڭ نومۇر چېكى 362 بولدى.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتەپلىرى يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغىچە تىزىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىدىكەن. سەنئەت ۋە تەنتەربىيە تۈرىدىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول چېكى كەسىپ بويىچە ئوخشاش تۈركۈمدىكى ئەڭ تۆۋەن چەكتىن 80 نومۇر تۆۋەنلىتىلىپ قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر