باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى تۆت يىلدا %12.7 ئاشتى

2017.07.11 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى 2016-يىلى %42.7كە يېتىپ، 2012-يىلدىكىدىن %12.7 ئاشقان. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور پونكىتى 10-ئىيۇل «2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»نى ئېلان قىلغان.

  ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەدرىجىي ئېشىپ، 2012-يىلى %30كە، 2013-يىلى %34.5كە، 2014-يىلى %37.5كە، 2015-يىلى %40.0كە يەتكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016-يىلى 4-ئايدا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپ سۈپىتى دوكلاتى»غا قارىغاندا، 2019-يىلى ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %50كە يېتىپ، جۇڭگو ئالىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرىدىكەن.

  «2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر تۈرلۈك ئالىي مائارىپ بويىچە ئوقۇش ئومۇمىي كۆلىمى 36 مىليون 990 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %42.7كە يەتكەن. مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ۋە چوڭلار ئالىي مەكتىپىدىن 2880ى بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 28ى كۆپەيگەن. 667 مىڭ 100 ئاسپىرانت قوبۇل قىلىپ، بۇلتۇرقىدىن 22 مىڭى كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە دوكتورلۇققا 77 مىڭ 300 كىشى، ماگىستىرلىققا 589 مىڭ 800 كىشى قوبۇل قىلغان. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسقا 7 مىليون 486 مىڭ 100 كىشى قوبۇل قىلىپ، بۇلتۇرقىدىن 107 مىڭ 600 كىشى كۆپەيگەن؛ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار 26 مىليون 958 مىڭ 400 كىشىگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 705 مىڭ 500 كىشى كۆپەيگەن؛ 7 مىليون 41 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، بۇلتۇرقىدىن 232 مىڭ 900 كىشى كۆپەيگەن.

  «2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»دا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپتىن 229 مىڭ 800ى بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 13 مىڭ 200ى ئازلىغان؛ 32 مىليون 396 مىڭ 300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان؛ 142 مىليون ئوقۇغۇچى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان؛ مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 9 مىليون 276 مىڭ 900 كىشىگە يەتكەن؛ توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %93.4كە يەتكەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.92كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %104.0كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %93.7كە يەتكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر