باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخسلەرنىڭ مەزكۇر بانكىنىڭ باشقا جايدىكى پۇكىيىدىن نەق پۇل ئېلىش رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق قىسمەن ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2017.07.11 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، سودا بانكىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ھەقلىرىنى ئېلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى بىكار قىلىش قارار قىلىندى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شەخسلەرنىڭ مەزكۇر بانكىنىڭ باشقا جايدىكى پۇكىيىدىن نەق پۇل ئېلىش رەسمىيەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خاس چەك ئېلىش، پېرېۋوت چېكىنىڭ رەسمىيەت ھەققى، يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش ھەققى، تەننەرخ ھەققى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ھەق ئېلىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى، ھەر قايسى سودا بانكىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خېرىدارلارنىڭ بۇ بانكىدا ئاچقان بىردىنبىر ئىسچوتىدىن ئىسچوت باشقۇرۇش ھەققى ۋە يىللىق ھەقنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خېرىدارلارنىڭ 6 مىليارد 105 مىليون يۈەن يۈكىنىڭ يەڭگىللىشى مۆلچەرلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر