- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باش ۋەزىر: ئاساسلىق كابىنېت كۆپ ئۆزگەرتىلمەسلىكى كېرەك
2017.07.11 14:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
9-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزۇ شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھۇلىمدا كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلام كادىرلار ئىشلىرىنى تەڭشەش توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئاساسلىق كابىنېت كۆپ ئۆزگەرتىلمەسلىكى كېرەك، مۇئاۋىن باش ۋەزىر قوشۇمچە مالىيە ۋەزىرى تارۇئاسو بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئەمەلدارى يۇشۇخىدا سۇگا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋېرىدۇ.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئابىشىنزۇ كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش توغرىسىدا3 -ئاۋغۇست يولغا قويۇلۇۋاتقان لايىھەنى چۆرىدەپ ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىكەن. 2020-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىنكى ياپونىيە يېڭى «ئاساسى قانۇنى»نى يولغا قويۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئابىشنزۇ كۈزدە پارلامېنتقا تاپشۇرىدىغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىمۇ مېنىڭ تەكلىپىمگە ئاكتىپ ئىپادە بىلدۈردى. ئىمكانقەدەر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ سىياسىي ئاساسى مۇشۇ يەردە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر