خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئىيۇل كەچتە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئىككى تەرەپ 0:0 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىنى ئاخىرلاشتۇردى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا، مېھمان سۈپىتىدە مۇسابىقە ئويناۋاتقان خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى ئالدى بىلەن نومۇر ئېلىپ ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭ كوماندىسى ئوتتۇرا مەيداندا توپنى تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، خاڭجۇ كوماندىسى توپنى تېزلىكتە ئالدى مەيدانغا ئېلىپ كەلدى ۋە خاڭجۇ كوماندىسى ئەزاسى زاڭ يىفېڭ سىپىلاتما توپ بىلەن ۋاراتارغا تېپىپ كىرگۈزدى. كەينىدىن شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئىككى چەت ئەللىك ئەزا ئۆزئارا پاس ئويناپ، باباكار چەكلەنگەن رايوننىڭ ئىچىدە ۋېسىېنت بەرگەن پاسنى ئېلىپ ۋاراتاغا سىپىلىتىپ ئۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭكىگە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن نومۇر ئېلىپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقە تۈگىگىچە، ئىككىلا تەرەپ بۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ كوماندىسى ئالتە مەيدان ئۇتۇپ، بەش مەيدان تەڭلىشىپ، ئالتە مەيدان ئۇتتۇرۇپ، ئا دەرىجىلىكلەر بويىچە 8-ئورۇننى ساقلىماقتا. بۇ ئايلانما مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 8-لىك ئورۇنىدا ئۆزگىرىش بولمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى