باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

7-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارغا 6949 يېڭى خىزمەت ۋە پىراكتىكا ئورنى ھازىرلاندى

2017.07.11 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ سانى 86 مىڭغا يېتىپ، يېڭىدىن يۇقىرى پەللە يارىتىلغان مەزگىلدە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرى 52 مىڭ 874كە يېتىپ، تۇنجى قېتىمدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %61.4 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاچقان ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى بويىچە ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1612 ئىدارە، شىركەت ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى 6949 خىزمەت ئورنى ۋە پىراكتىكا ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ روڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى قوللاندى، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئاپىرىپ تەربىيەلەش، ئۇلارنى شىنجاڭدىكى كارخانىلار تەمىنلىگەن ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ئىستۇدېنتلارنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە 4491 خىزمەت ئورنى يارىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدىنتلارنى 887 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيدىغان 218 ئىستۇدېنت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر