باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق زۇڭلىسى موسۇلنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئازاد قىلىنغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى

2017.07.11 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق زۇڭلىسى ئابادى 10-ئىيۇل موسۇل ئالدىنقى سېپىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىدا، ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ موسولدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەل توكۇس ئاغدۇرۇپ تاشلانغانلىقىنى، بۇ شەھەرنىڭ شۇ كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئازاد قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئىراق ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سىرتىدا قىسقىغىنا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئابادى مۇراسىمدا غەلىبە نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئىراق ئارمىيەسى غايەت زور قۇربانلارنى بېرىپ ئەڭ ئاخىردا شۇ كۈنى موسولنى ئومۇميۈزلۈك ئازاد قىلدى. مەن پۈتكۈل دۇنياغا، ئىسلام دۆلىتىنىڭ موسۇلدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەل توكۇس ئاغدۇرۇپ تاشلانغانلىقىنى، بۇ تېررورچى تەشكىلاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يوقۇتۇلغانلىقىنى جاكارلايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر