باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزى قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى

2017.07.11 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى داۋاملىق قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملىرى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە يەر شارىنى تۈزەشتە مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ھېسابلىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. گېرمانىيە يەر شارى ۋە رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە ئېچىۋېتىلگەن ۋە كەڭ قۇرساق بولۇش روھىنىڭ گەۋدىلەنگەنلىكىنى يۈكسەك ماختىدى.

  فىرانسىيەلىك ئالىم مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، سىپىرلىق ئىقتىساد ۋە يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ جەھەتتە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە.

  رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئافرىقا ھەمكارلىقىدا ئافرىقا ئوتتۇرىغا قويۇش، ئافرىقىنىڭ ماقۇللىغىنى ئىلىش، ئافرىقا يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئافرىقىنىڭ ئۆز تەرەققىيات پىلانى بىلەن تۇتاشتۇرۇش كېرەك. بۇ يىل 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ پائالىيىتىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى، گېرمانىيە سانائەت بىرلەشمە جەمئىيىتى تاشقى ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مىردىنا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قېلىپىنى يېڭى تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئامېرىكىلىق ئالىم مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھانبورۇك باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزى، جۇڭگونىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنى تۈزەشكە بولغان ئاكتىپ تەشەببۇسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك كۈچىنى گەۋدىلەندۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر