باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇڭجياڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن پارتىيەدە بىر يىل قالدۇرۇپ، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى

2017.07.11 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تورى بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇڭجياڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە ئائىت دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قىلغان.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، يولداش ۋاڭ خۇڭجياڭ پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنتىزام ئېڭى سۇس بولۇپ، گۇرۇپپا ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە پاكلىق ئىنتىزامىغا قاتتىق خىلاپلىق قىلغان، تەشكىل خەت ئارقىلىق سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا، تەشكىلگە مەسىلىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەدبىر كۆرۈپ، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىپ، باشقىلارغا سوۋغات سوۋغا قىلغان. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يولداش ۋاڭ خۇڭجياڭغا پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ بىر يىل كۆزىتىش ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىپ، نازىر دەرىجىلىك بىرەھبەرلىك ۋەزىپىگە چۈشۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر