باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ياشلىق باھارىم ۋە گۈزەل ئارزۇلىرىمنى نابۇت قىلدى

ھاۋانىسا ئابدۇللا

2017.07.12 08:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېنىڭ ئىسمىم ھاۋانىسا ئابدۇللا، بۇ يىل 24 ياشقا كىردىم، خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىسى تېرەكئېرىق كەنتىدىن. ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ مەن دادامنىڭ ياۋاش قىزى ئىدىم، گەپ ئاڭلايتتىم، ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرەتتىم، نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىم بار ئىدى. 2005- يىلى مەن قارامايدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتۈم، 2008- يىلى يەنە غەلىبىلىك ھالدا ۋۇخەن 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتۈم. خوتەندىكى يىراق يېزىدىن كەلگەن بىر قىزغا نىسبەتەن، بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسلىكىنى بەلكىم ھەممىڭلار ھېس قىلالايسىلەر! بۇ مېنىڭ تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكىمنىڭ، ئاتا- ئانامنىڭ ياخشى تەربىيەلىگەنلىكىنىڭ، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى تەربىيەلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەنمۇ بۇنىڭ بىلەن كەنتتىكى ياشلار ھەۋەس قىلىدىغان ئوبيېكتقا ئايلاندىم، ھەر قېتىم مەكتەپتىن يۇرتۇمغا قايتقاندا باشقىلارغا ئىچكىرىدىكى يېڭىلىقلارنى سۆزلەپ بېرەتتىم، بۇنىڭدىن مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر ناھايىتى پەخىرلىنەتتۇق. بۇ جەرياندا ئاتا- ئانام مېنىڭ ئوقۇشۇمنى قوللىدى، ھەتتا مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن باشقىلاردىن قەرز ئالدى.

  لېكىن بۇ چاغدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە مەن ۋە ئائىلەمگە كۆز تىككەن ئىدى، بولۇپمۇ يەڭگەمنىڭ بىرقىسىم تۇغقانلىرى (كېيىن ئۇلارنىڭ دىن ئەسەبىيلىرى ئىكەنلىكى، ھەتتا چېگرا سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان زوراۋان، تېررورچى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى) ئىزچىل ئاتا- ئانام، ئاكام، ئىنىمغا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈردى، تۈرلۈك يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ئارقىلىق ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى بۇرمىلاپ، مېنى ھۆكۈمەت قۇرغان مەكتەپتە ئوقۇتماسلىققا، قايتۇرۇپ ئەكىلىپ تويۇمنى قىلىۋېتىشكە كۈشكۈرتتى. 2012- يىلى 6- ئايدا مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، جىلىن ئۆلكىسىدىكى چاڭچۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. بۇ يىراق يېزىدىكى ئاددىي دېھقان قىزىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى، لېكىن كەنتىمىزدىكى بىر قىسىم دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىكى كىشىلەر، بولۇپمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن تۇغقانلىرىم «قىز بالا دېگەن ئۆيدە يولدىشىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ، بالا باقىدۇ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇسا شۇ يەردىكىلەر بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ، قىز بالا دېگەن چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇقنى ئۆگىنىپ نېمە قىلىدۇ، ئۆگەنگەن تەقدىردىمۇ خىزمەت تاپالمايدۇ، ئائىلەڭلارنىڭ يۈزىنى تۆكمەڭلار»، دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئاتا- ئانامنى يەنە ئازدۇرۇشقا باشلىدى. مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ئىش كۆرمىگەن ئاتا- ئانام ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مېنىڭ ئوقۇشۇمنى قوللىمايدىغان بولدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ تىزىملىتىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ساۋاقداشلىرىم ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم قويۇپ، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان ئارزۇلۇق بالىلارغا ئايلاندى، مەن بولسام مەكتەپ سىرتىدا قالدىم، 10 نەچچە يىل تىرىشىپ ئۆگەنگەن بولساممۇ، ئاخىرىدا يەنە يېزىغا قايتىپ كېلىپ، ناھايىتى ئازابلاندىم، مەن ئۇ ۋاقىتتا ساددىلىق بىلەن ئائىلەمنىڭ قىيىنچىلىقى بار، ئاتا- ئانامنىڭ مېنى ئوقۇتۇشقا قۇربى يەتمەيدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن كېيىن ئائىلەمدە قىيىنچىلىق بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى بېرىدىغانلىقى، مەكتەپتىمۇ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا يېشىل كارىدور ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدىم. بىراق ئوقۇش ئارزۇيۇم بەربات بولدى، ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇش پەيتىدە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن ساۋاتسىز، ناتونۇش بىر ئەرگە ھاپىلا-شاپىلا ياتلىق بولدۇم. رېئاللىق ئارزۇلىرىمنى بەربات قىلدى، مەن تەقدىرگە تەن بېرىپ، ئاددىي يېزا ئايالى بولۇشقا مەجبۇر بولدۇم. لېكىن جىمجىتلىققا تولغان ھەربىر تۈندە ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدىكى غەمسىز كۈنلەر، ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى، ساۋاقداشلىرىم بىلەن بولغان دوستلۇقۇم، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇم خۇددىي كىنو لېنتىسىغا ئوخشاش كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلايتتى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالىي مەكتەپتە خۇشال-خورام ئوقۇپ، بىلىم دېڭىزىدا ئۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ بولسا چەت بىر يېزىدا كۈنلىرىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىمنى ئويلىسام كۆز ياشلىرىم دەريا بولۇپ ئاقاتتى. بىكار قالغاندا ئوغرىلىقچە قولۇمغا كىتاب ئېلىپ دەرسلىرىمنى تەكرارلايتتىم، كېيىن تېجەپ يىغقان «مەخپىي پۇل»لىرىمغا بىر رادىيو سېتىۋالدىم، رادىيودىن پايدىلىنىپ خەنزۇ تىلى ئۆگەندىم، خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم، بەلكىم قەلبىمدىكى ئارزۇلار تېخى ئۆچمىگەن بولسا كېرەك، بەزىدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىكى تۇغقانلىرىم، قۇلۇم-قوشنىلىرىمنىڭ زاڭلىق قىلىشىغا ئۇچرىساممۇ، لېكىن ئىزچىل بەرداشلىق بەردىم، چۈنكى ئارزۇيۇم داۋاملىق ياشىشىمدىكى روھىي ئوزۇق ئىدى.

  توي قىلغاندىن كېيىن مەدەنىيەت سەۋىيەمىز، قىممەت قارىشىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېرىم بىلەن داۋاملىق سوقۇشۇپ قالاتتىم. قەلبىمدىكى ئازاب ۋە تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك بېسىمى تۈپەيلى بارغانسېرى ئۇرۇقلاپ كەتتىم، يەنە نۇرغۇن كېسەلگە گىرىپتار بولدۇم. مۇقىم كىرىمى يوق دېھقانغا نىسبەتەن داۋالىنىشقا كېتىدىغان پۇل بىر ئېغىر مەسىلە ئىدى، مەن ئېرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزار بولىدىغان ئادەمگە ئايلاندىم. 2016- يىلى ئۆي تۇتۇشقا پەقەت ئامال بولماي ئاجرىشىپ كەتتىم، ئاجراشقاندىن كېيىن ئىككى ياشقا توشمىغان بالامنى ئېلىپ، ئاتا- ئانام بىلەن بىللە تۇردۇم. بۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، قولۇمدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيدىغان تۇرسا، بالامنى يالغۇز قانداق باقارمەن؟ ئەينى ۋاقىتتا گۈزەل ئارزۇلارغا ئىگە، باشقىلار ھەۋەس قىلىپ قارايدىغان ئارزۇلۇق قىز ئىدىم، ھازىر قانداق ئېچىنىشلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالدىم؟ بۇ ۋاقىتتا يۈرىكىمدىن قان ئاقتى. رەزىل دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە گۈزەل ياشلىقىمنى قايتۇرۇپ بەر! ئارزۇلىرىمنى قايتۇرۇپ بەر!

  داۋاملىق ئائىلەمدىكىلەرگە ئىش ئۆگىتىدىغان دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىكى تۇغقانلىرىم بىر-بىرلەپ پاش بولدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلدى، تۇرمۇشۇم ئاخىرى تىنچ ھالەتكە قايتتى. ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ئاتا- ئاناممۇ ئاستا- ئاستا ھۇشىنى تاپتى، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە كۈشكۈرتىشى بىلەن قىزىنىڭ بەختىنى نابۇت قىلغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدى. 2017- يىلى 2- ئايدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ليۇ يۈچۇن مۇئەللىم قاتارلىقلار ئائىلە زىيارىتى قىلىش جەريانىدا مېنىڭ دۆلەت تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھەيران قالدى. مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردىم، يەنە ئۇلارغا داۋاملىق ئوقۇش، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش ئارزۇيۇمنى ئېيتتىم، لېكىن مەن ئالىي مەكتەپتە يەنە ئوقۇشتىن ئۈمىد كۈتمىگەن ئىدىم، پەقەت ئۇلارنىڭ ماڭا سېستىرالىق مەكتىپىنى ئالاقىلىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم، ئۇنداق بولغاندا مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن شەخسىي دوختۇرخانىلارغا بېرىپ سىېستىرالىق قىلسام بولاتتى. كىملىكىم ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامەمدىكى ياشلىق جىلۋە قىلىپ تۇرغان ھالىتىمنى كۆرۈپ، ۋە يەنە ھازىرقى يېزا ئايالى قىياپىتىمگە قاراپ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى، ئۇلار ماڭا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. ليۇ يۈچۇن مۇئەللىم ماڭا ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى رەھبەرلىرىنىڭ ئەھۋالىمغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ ئۆزى كېلىپ سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. بېيجىڭدىن نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن كادىر، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چۇەنۋۇ يەنە دوستى ئارقىلىق مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە چاڭچۇن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەھۋالىمنى ئۇلارغا ئىنكاس قىلىپ، ئوقۇش سالاھىيىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىپتۇ. ئوقۇش سالاھىيىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ سىياسەت ئاساسى يوقلۇقى، شۇنداقلا ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا مۇنداق ئىككى خىل تەكلىپ بەردى: بىرى، مېنى خوتەن شەھىرىدىكى بېيجىڭ ياردەم بېرىۋاتقان بىر كارخانىغا تونۇشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئىشچىلارغا دۆلەت تىلىنى ئۆگىتىش؛ يەنە بىرى، يەنە داۋاملىق ئۆگىنىپ، 2017- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش. ئۇلار ئەگەر مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلىسەم، داۋاملىق ئوقۇپ ئالىي مەكتەپنى تاماملىشىمنى قوللايدىغانلىقىنى بىـلدۈردى. ئەينى ۋاقىتتا 2017- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالغانىدى. مەكتەپتىن ئايرىلغىنىمغا بەش يىل بولۇپ قالغاچقا، تولۇق ئوتتۇرىدىكى نۇرغۇن دەرسلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم. ئەمما مەن بۇنىڭ يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشۇمنىڭ بىردىنبىر پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ كىچىككىنە ئۈمىدتىنمۇ ۋاز كەچمەي، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئوقۇش ئارزۇيۇمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدىم. ئۇ چاغدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئاللىقاچان ئاخىرلاشقانىدى، ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تولۇقلاپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىمنى بېجىرىپ بەردى ھەمدە مېنى خوتەن ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 3- يىللىق سىنىپىغا كىرىپ ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ مەزگىلدە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چۇەنۋۇ ماڭا 1500 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئىئانە قىلدى، خوتەن ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ پارتكومىنىڭ شۇجىسى گۇ جۈنفېي 1000 يۈەن، ليۇ يۈچۇن مۇئەللىم 200 يۈەن پۇل ۋە كىيىم- كېچەك ئىئانە قىلدى، يەنە دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىپ بەردى.

  كۆپلىگەن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە يەنە قايتىدىن ئوقۇش يولىغا قەدەم باستىم، بۇ ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ قېتىرقىنىپ ئۆگەندىم. مەن ئارزۇيۇمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىم كېرەك ئىدى، ماڭا ياردەم قولىنى سۇنغان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويسام بولمايتتى.

  نـەتىجە ھامان تىرىشقانلارغا مەنسۇپ. 2017- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 340 نومۇر ئېلىپ، تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈمنىڭ قوبۇل قىلىش سىزىقىدىن ھالقىدىم. مېنىڭ تولدۇرغان بىرىنچى ئارزۇيۇم بېيجىڭ كىيىم- كېچەك ئىنستىتۇتى ئىدى. ئەسلىدە دوختۇر بولغۇم بار ئىدى، ئەمما دوختۇر جاننى قۇتقۇزالىغان بىلەن ئىدىيەنى قۇتقۇزالمايدىكەن. مەن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە مەندەك بىر قىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش غايىسىنى بەربات قىلدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئارزۇيۇمنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم قىلدى. شۇڭا مەن كىيىم- كېچەك لايىھەلەش كەسپىدە ئوقۇشنى تاللىدىم. مەن گۈزەل، زامانىۋى پۇراققا ئىگە ئەتلەس كىيىملەرنى لايىھەلەپ، ئۇيغۇر ئاچا- سىڭىللىرىمنى چىرايلىق ياسىنىپ، ئۆزىنى قەدىرلەپ، تېخىمۇ بەختلىك ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.

  مانا ئەمدى ئاكام ۋە ئىنىم دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى. بۇ مەزگىلدە كەنت كومىتېتى بىزنى تاشلىۋەتمىدى، پىدائىيلارنى تەشكىللەپ بۇغدايلىرىمىزنى ئورۇشىمىزغا ياردەم بەردى، كېسەل چىرمىۋالغان ئانامغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېجىرىپ بەردى، ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، بىزنى يوقلاپ تۇردى... دادام ئەينى ۋاقىتتا يامان نىيەتلىك ئاشۇ كىشىلەرنىڭ يالغان- ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشىنىپ، ئۆز قىزىنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلغانلىقىغا تولىمۇ پۇشايمان قىلدى. ئاكام بىلەن ئىنىمغا شۇنداق دەيمەنكى: مەن گۈزەل كىشىلىك تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلايدىغان بولدۇم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە چەكسىز غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ، سىلەر خاتالىقىڭلار ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىپ، ئاشۇ يالغان- ياۋىداق سەپسەتىلەرگە ئەمدى ئىشەنمەڭلار، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆزۈڭلارنىڭ بىر جۈپ چىۋەر قولۇڭلارغا تايىنىپ، گۈزەل تۇرمۇشىڭلارنى يارىتىڭلار، رەزىل دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن مەڭگۈ يىراق تۇرۇڭلار!

  مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاچا- سىڭىللىرىمغا شۇنى ئېيتماقچى: دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ياشلىقىم ۋە ئارزۇلىرىمنى بەربات قىلدى، مېنىڭ پەرۋاز قىلىپ ئۇچىدىغان قاناتلىرىمنى سۇندۇردى. بىز بۇ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ رەزىل ئەپت- بەشرىسىنى تونۇپ يېتىشىمىز، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، تەقدىرىمىزنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك؛ بىز باشقىلارنىڭ قولىدىكى بېزەك ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ئوي- پىكرى، ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتى بار. باشقىلارنىڭ مەندەك كۈنگە قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  ماڭا ياردەم بەرگەن كىشىلەرنىڭ مېنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشۇمغا موھتاج ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، مەن ئىلگىرى بىر پارچە تەشەككۈر خېتى يېزىپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ «نۆل ئارىلىق» ئۈندىدار سالونىغا ئەۋەتكەن ئىدىم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ مېنى زىيارەت قىلدى، لېكىن ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمغا تەسىر يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن خەۋەر قىلمىدى. ھازىر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى، مەن يەنە خەت يېزىش ئارقىلىق ماڭا خالىس ياردەم قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىشنى توغرا تاپتىم. سىلەر مەندىن ۋاز كەچمەي، بارلىق كۈچۈڭلار بىلەن ماڭا ياردەم قىلغاچقا، بەربات بولغان ئارزۇيۇم قايتىدىن رېئاللىققا ئايلاندى؛ مەن ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ، شۇ ئارقىلىق سىلەرگە جاۋاب قايتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن يەنە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىكى كىشىلەرگە ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتقانلىقىمنى، كەلگۈسىمنىڭ ئۈمىدكە تولغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر