خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ U18 پۇتبول كوماندىسىدىكىلەر شىنجاڭ چېلىشىش تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىدە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى تەن قۇۋۋىتى مەشىقىگە قاتناشتى.12-ئىيۇل، شىنجاڭ U18 پۇتبول كوماندىسىدىكىلەر شاڭخەيگە بېرىپ، ئىككى مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ، ئۇندىن كېيىن تيەنجىنگە بېرىپ 25-ئىيۇل باشلىنىدىغان U18 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدۇ. جياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسىغا قېتىلغان ھۇجۇمچى ئېرفان ھېزىم بۇ نۆۋەتلىك U18 پۇتبول مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، پۇتبولچىلار شىنجاڭ پۇتبول تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن قوزغىلىپ، شىنجاڭ چېلىشىش تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە باردى. ئەركىن چېلىشىش مەشقاۋۇلى مەمەتجان ئەيسا مۇنداق دېدى: «پۇتبول تەنھەرىكىتى پۇتبولچىلارنىڭ تېخنىكىسى، سۈرئىتىگە ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، بەلگىلىك قارشىلىق كۈچى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىر يۈرۈش تەن قۇۋۋىتى مەشىق ئۇسۇللىرى تۈزۈلۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈچ-قۈۋۋىتى، ئېلاستىكىلىقى، ئىتتىپاقلىق ئېڭى ۋە ئىنكاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسەت قىلىندى.»
11دە مەشىق باشلاندى، مەشىق ۋاقتى جەمئىي ئىككى سائەت بولۇپ، پۇتبولچىلارنىڭ ھەممىسى مەشقاۋۇل ۋە تېرىنىر چۈشۈرگەن ھەر بىر يۈرۈش مەشىق ھەرىكەتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇندىدى، ھاۋانىڭ ئىسسىق بولۇشى، ھەرىكەت مىقدارىنىڭ چوڭ بولۇشى سەۋەبلىك، كۆپچىلىك تەرگە چۆمدى. ئېرفان ھېزىم مۇنداق دېدى: «بىز خېلى ئۇزاق ۋاقىت تەييارلىق قىلدۇق، ئالدىمىزدىكى ۋەزىپىمىز مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىش!»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى