باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2017.07.11 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى - ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەھمىيىتى زور. دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەر پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، خەتەرگە دادىل يۈزلىنىپ، دادىللىق بىلەن قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئويلاپ ۋە تەكىتلەپ كەلگەن، بىراق يولغا قويالمىغان ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن زامانىۋى پەن-تېخنىكىنى قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىسلاھاتى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر