باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى 1 مىليون 475 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان، ۋەزىپىنىڭ %56.7 ى تاماملاندى

2017.07.12 08:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى 1 مىليون 475 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان، ۋەزىپىنىڭ %56.7 ى تاماملانغان.

  يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم ئىش. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايون يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، رايون ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تولۇق ئىشتات بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلاردا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، 12 مىڭ 588 كىشىنى تولۇق ئىشتات بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىشان ۋەزىپىنىڭ %62.9ىنى تاماملىدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېزىلاردا ئەمگەكچىلەر زىيادە بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. شۇڭا ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 799 مىڭ(قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىشان ۋەزىپىنىڭ %53.2ىنى تاماملىدى.

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈمىنى دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى نۇقتىلىق كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى بىڭتۈەننىڭ شى (شەھەر)، تۈەنلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىل ئىككى جايدىن 40 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. ئالاقىدار تارماقلار 6- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە 36 مىڭ 511 ئىش ئورنى تەسىس قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنى 19 مىڭ 390 ئىش ئورنى، خوتەن ۋىلايىتىنى 17 مىڭ 121 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بۇ يىل قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى 8- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن تولۇق تاماملىنىدۇ. ھازىر بۇ ۋەزىپە ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى 19 مىڭغا يېقىن ئارتۇق ئەمگەكچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايون بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئۆيىدە بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى بېكىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» تۈزۈپ، دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياردەم بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئائىلىسىدە بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىق مەسىلىسىنى ئۇدۇللۇق تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلدى؛ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش، ھەقىقىي ئىسمى بويىچە باشقۇرۇش تەلىپىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى 720 مىڭ نامرات ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىق ھالىتىنى كەنت، ئادەمگىچە دەسلەپكى قەدەمدە كونكرېت دەلىللەپ، نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا يۆلەشنى يولغا قويۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر