سۈرەتتە: «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» قوغداۋاتقان تارىم قۇملۇق تاشيولى (7-ئاينىڭ 8- كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1995-يىلى ياسالغان تارىم قۇملۇق تاشيولى تەكلىماكان قۇملۇقىنى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدىغان، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە كۆچمە قۇمنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئەڭ ئۇزۇن تاشيول.
2005-يىلى «تارىم قۇملۇق تاشيولى ئىھاتە ئورمىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشى» ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، 20 مىڭ تۈپ ھەر خىل كۆچەت قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى 436 كىلومېتىر، كەڭلىكى 70 نەچچە مېتىر كېلىدىغان «يېشىل سەددىچىن سېپىلى»نى بەرپا قىلدى، پارچە-پارچە بوستانلىقلار «ھالاكەت دېڭىزى»نى چىرايلىق بېزەپ، تاشيولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى، شۇنداقلا بىپايان قۇملۇقنى چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى