خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئاسىيا ئاياللار جەمئىيىتى خېلياڭ كۈتۈنۈش ئورنىدىكى ياشانغانلار 10-ئىيۇل «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتى ۋە ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمىدىكى 60 نەچچە ئوفىتسېر-ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن بىر تۈركۈم ئالاھىدە مېھماننى كۈتۈۋالدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇ ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ساناتورىيەگە كىرىپ، ياشانغانلارغا خاتىرە بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلىپ، ھال سوراش پۇلى ئىئانە قىلدى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ شياڭگاڭدا ئۆتكۈزگەن بىر تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تېخى يېتىپ كەلمەستىنلا، 50گە يېقىن ياشانغان كىشى ساناتورىيەنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى پائالىيەت ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارنى جىمجىت كۈتۈپ تۇردى. 85 ياشقا كىرگەن لياڭ خانىم مۇخبىرغا: بۇ بىر نەچچە كۈندە، ھەر كۈنى تېلېۋىزوردا «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ يېشى چوڭىيىپ قېلىپ ئاۋىياماتكىغا چىقالمىغىنىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى، «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ بۈگۈن ئۆزلىرىنى كۆرگىلى كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتتى.
«لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتى شياڭگاڭدا توختىغاندىن بۇيان، ئارقا- ئارقىدىن پالۇبىدا كۈتۈۋېلىش يىغىنى، پاراخوتنى ئېچىۋېتىش- ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزدى، «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكا ۋە يانداش پاراخوتلار 50 مىڭغا يېقىن ئادەم (قېتىم) ئېكسكۇرسىيە قىلىندى. 2006-يىلىدىن بۇيان، شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم جەمئىي 510دىن ئارتۇق ئوفىتسېر- ئەسكەرنى 10دىن ئارتۇق ياشانغانلار ساناتورىيەسى، كۈتۈش ئورنى ۋە بالىلار باغچىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، جەمئىي 4600گە يېقىن ياشانغالار ۋە بالىلاردىن ھال سورىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى