باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بەش يىلدا 60 مىڭدىن كۆپرەك يېزا «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلدى

2017.07.11 14:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئۇل مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنقى بەش يىلدا كۆپ خىل «ئالاھىدە» تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا يەسلىلىرى، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 61 مىڭ 400 يېزا «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ 6- ئاينىڭ 27- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقى بەش يىلدا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىر تۇتاش تەكلىپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش؛ دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى ئاپتونوم رايوننىڭ «%5 ئىختىساسلىقلار زاپاس ئىشتات پىلانى»، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش پىلانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىپ، ئىشتات چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش؛ دۆلەتنىڭ ھەقسىز پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىسى ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھەقسىز پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىسى پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن نىشانلىق ھالدا يېزا مەكتەپلىرىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش قاتارلىق «ئالاھىدە» تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا يەسلىلىرىگە، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە نۇقتىلىق يۈزلىنىپ، 61 مىڭ 400 يېزا «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىپ تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرغان. 2010- يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈنۈم مائاشىنى ئۈچ قېتىم، جاپالىق، چەت- يىراق رايون ياردەم پۇلىنى تۆت قېتىم ئۆستۈرگەن، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئۆلچىمىنى زور كۆلەمدە ئۆستۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا- كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى تۇرمۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى 160 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 200 يۈەن تولۇقلىما تارقىتىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگەن.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شارائىتى بىرقەدەر جاپالىق بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا يەنە ئۆلچەمدىن سىرت 200 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقاتقان ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىزمەتچىلەرگە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8400 يۈەن خىزمەت تولۇقلىما پۇلى تارقىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى «تەكلىپ قىلالماسلىق، تۇتۇپ قالالماسلىق» مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر