باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان ۋە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرلىرى جامائەتكە ئاشكارىلانمىغان ئەھۋالدا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ

2017.07.11 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئىيۇل مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2017 - يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش-ئىمتىھان ئاپپاراتلار ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئائىت مەنئى قىلىنىدىغان بۇيرۇقنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ئالىي مەكتەپلەر ھەرگىزمۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پىلاننى ئاشۇرۇۋېتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر تۈركۈم ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى توشماي قالسا، ئورۇندالمىغان پىلان ئاشكارا ھالدا ئارزۇ توپلاپ قوبۇل قىلىش يولى بىلەن ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلىنىش ۋاقتى، مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە كاپالەت بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنتەربىيە ئەترىتىدىكىلەر ۋە سەنئەت ئۆمىكىدىلەر دېگەندەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى، قوبۇل قىلىش تەلىپى ۋە نەتىجىسى دېگەندەك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سۇپىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئېلان قىلىش كېرەك، ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جايلار ئالىي كەسپىي مەكتەپ تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشنى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى قىلىپ. مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى قوبۇل قىلىش تۈركۈم سانىنى ئازايتىش ئىسلاھاتىنى كۆڭۈل قويۇپ يولغا قويۇشى، تەڭداش ئارزۇ ئارخىپىنى تارقىتىش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىن رازى بولۇش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر