باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم لاياقەتلىك تىببىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىپ، خەلقنى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2017.07.11 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك تىببىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى خىزمىتى يىغىنى 10-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليۇرۇق بەردى. تەستىقىي يوليۇرۇقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلىدى: ئىختىساسلىقلار سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىدىكى بىرىنچى بايلىق، تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىببىي ئىختىساسلىقلار قۇشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق توغۇت كومىتېتى، جۇڭگو تىبابىتى دورىگەرلىك ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، خەلق رازى تىببىي مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە سەھىيە–ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىىببي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، خەلقئارا تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگو تىبابىتى بىلەن غەرب تىبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېھتىياجنى يېتەكچى، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا، سۈپەتنى يادرو قىلىپ، تىببىي ئىختىساسلىقلارنى يىتىشتۈرۈش سىستېمىسى ۋە ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش رىغبەت مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ساغلام جۇڭگو بەرپا قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليۇرۇقىنىڭ تەلپى، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش يىغىنى ھەم مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيە-سىياسىي خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنىيەتكە بويسۇنۇپ، ئېھتىياجغا قاراپ مۇلازىمەت قىلىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، تىببىي مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر