باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شەرەپلىك نام بەرگەن تۇنجى تۈەن دەرىجىلىك ئورۇن — دېڭىز - ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى: كۆپ قېتىم دۇنيا ھاۋا ئۇرۇشى تارىخىدىكى بىرىنچىلىكنى ياراتتى

2017.07.14 17:02   مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شەرەپلىك نام بەرگەن تۇنجى تۈەن دەرىجىلىك ئورۇن  —  دېڭىز - ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى: كۆپ قېتىم دۇنيا ھاۋا ئۇرۇشى تارىخىدىكى بىرىنچىلىكنى ياراتتى

  سۈرەتتە دېڭىز ئارمىيەسى «دېڭىز - ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى» ئۇچۇش 1-چوڭ ئەترىتى ھاۋادا ئىككى ئايروپىلاندىن سەپ تۈزۈپ ئۇچۇش مەشىقى قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).

  2014- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى، سىم- سىم يامغۇردا، 81 ياشقا كىرگەن شۇ جىچېڭ يەنە بىر قېتىم تەكلىپكە بىنائەن دېڭىز ئارمىيەسى شەرقىي دېڭىز فىلوتى مەلۇم ئاۋىياتسىيە دېۋىزىيەسىنىڭ «دېڭىز - ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى»گە كېلىپ، بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە جەڭ مىسالى سۆزلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا كۈچ چىقاردى. «56 يىل ئىلگىرى، مەنمۇ چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇچۇپ ئۇرۇش قىلغان ئىدىم»، دېدى، ئىلگىرى «دېڭىز- ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى»نىڭ مۇئاۋىن تۈەن باشلىقى بولغان شۇ جىچېڭ ياش ئۇچقۇچىلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا.

  1958- يىل 2- ئايدا، شەندۇڭ يېرىم ئارىلى ئاسمىنىدا، شۇ جىچېڭ قەيسەرلىك ۋە پەم بىلەن يېتەكچى ئايروپىلاننى قوغداپ، قوش ئايروپىلان بىلەن تەيۋەن گومىنداڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى رازۋېدكا ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.

  شۇ جىچېڭنىڭ قارىشىچە، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدە، «دېڭىز - ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى»نىڭ نامى داڭلىق. بۇ تۈەننىڭ ئۇچقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئەينى يىللىرى يەنە ھەممە ئادەم بىلىدىغان قەھرىمان شەخس بولۇپ، ئىلگىرى جەڭ ئايروپىلانىنى ھەيدەپ، تۇنجى قېتىم ئوخشاش تېمپېراتۇرا قەۋىتىدە ئوق چىقىرىپ، دۈشمەن ئايروپىلانىدىن ئۈچنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بەرگەن «كۈرەش قەھرىمانى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

  «<دېڭىز - ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى> يېڭى 4- ئارمىيە 6-شى 18-لۈسى 54- تۈەنى ئاساسىدا قۇرۇلغان». جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ شۆسوڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، بۇ تۈەن ئىلگىرى شىڭخۇا ئۇرۇشىدا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسى بىلەن قىلىچ ئۇرۇشى قىلىپ، «شىڭخۇا تۈەنى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟
    ·ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان ۋە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىل…
    ·لى كېچياڭ: تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم لاياقە…
    ·ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى تۆت يىلدا %12.7 ئاشتى
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش…
    ·تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ
    ·ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى تېزلىتىلىدۇ
    ·ش ئۇ ئار نىڭ ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 5-ئىيۇل باشلاندى