باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم توردا ئارزۇ توپلاش خىزمىتى باشلاندى

2017.07.13 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 13-ئىيۇل بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8دىن 18 گىچە، بۇ يىلقى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى توردا قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە تېخى ئورۇندالمىغان پىلاندىكى تۇنجى ئارزۇ توپلاش باشلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى توپلىنىلىدىغان ئارزۇلار: خەنزۇ تىل يېزىقى، مىللىيچە تىل يېزىق، قوش تىل سىنىپى، موڭغۇل تىلى تولۇق كۇرس 0-تۈركۈم، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ يەككە تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم بويىچە ئورۇندالمىغان پىلاندىكى مەكتەپلەر، كەسىپلەر ئىكەن. خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ 0-تۈركۈمدىكى ۋە نامرات رايونلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ يەككە تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمى بويىچە ئورۇندالمىغان پىلانى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 8دىن 18گىچە تەڭشىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئارزۇ توپلاش شەرتىگە چۈشىدىغان ۋە ئارزۇسىغا قوبۇل قىلىنماي قالغان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ توپلاشقا قاتناشسا بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچى ئەسلىدە تولدۇرغان ئىككى تۈردىكى ئارزۇ قايتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئاساس بولمايدۇ، قوبۇل قىلىنماي قالغان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ توپلاشقا قاتناشقاندىلا، ئاندىن ئاخىرقى توپلانغان ئارزۇدىكى پىلانى ئورۇندالماي قالغان مەكتەپلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

  ئارزۇ توپلاشقا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ، ئىمتىھان بېرىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ، ئۆز ئارزۇسىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولدۇرغان ئارزۇ توپلاش ئارزۇسى ئىناۋەتسىز ھېسابلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق پىلانى توشماي قالغان مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە؛ خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر