خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋاقتا كانادا باش ۋالىيسى جونىستون بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر جۇڭگو-كانادا مۇناسىۋىتى مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشتەك يېڭى باسقۇچقا كىردى. رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن ناھايىتى نەتىجىلىك سۆھبەتلەشتى. جۇڭگو تەرەپ كانادا تەرەپ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە-قېزىلما بايلىقلار، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىشىش، بىر-بىرىنى تولۇقلاش جەھەتتىكى يۇشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەركىن سودا سۆھبىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودىنى قوللاش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىش توغرىسىدا ئورتاق ئاكتىپ سىگنال تارقىتىشنى خالايدۇ. مائارىپ، ساياھەت، تەنھەرىكەت، جۈملىدىن قىشلىق تەنھەرىكەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-كانادا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا پايدا ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى رېئاللاشتۇرۇشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى