خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇل، شىنجاڭ بوكس كوماندىسى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن چىڭخەيدە ئېلىپ بارغان ئېگىزلىك مەشىقىنى تۈگىتىپ، شىنجاڭ بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە قايتىپ كەلدى ۋە ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىققا چۈشۈپ كەتتى. 27-ئىيۇل، ئۇلار تيەنجىنگە بېرىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا بىر جۈپ ئاكا-ئۇكا قېرىنداش بار، ئۇلارنىڭ ئىسمى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ۋە قۇربانجان چوڭ. مەمەتتۇرسۇن چوڭ شىنجاڭ بوكسچىلىقىدىكى داڭدار بوكسچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاللىقاچان كىشىلەر تەرىپىدىن تونۇلغان، ئۇنىڭ ئىنىسى قۇربانجان چوڭ ئاكىسىنى ئۈلگە قىلىپ ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ يىل 4-ئايدا ۋە 5-ئايدا، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى تاللاش مۇسابىقىسىنى ئويناپ، شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
مەمەتتۇرسۇن چوڭ جۇڭگوغا ۋەكىل بولۇپ بېيجىڭ خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە لوندون خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشقان، 2013-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن شېنياڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئۆزىنىڭ 2-قېتىملىق ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن ۋە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئۇدا بەش نۆۋەت چېمپىيون بولۇشىغا ھەسسە قوشقان. 2016-يىللىق خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا تاللىنالماي قېلىش سەۋەبىدىن، مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۆۋەن باسقۇچقا چۈشۈپ قالغان، تېرىنېرنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن، مەمەتتۇرسۇن چوڭ قايتىدىن ئورنىدىن دەس تۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ مۇشتى بىلەن قايتىدىن ئۆزىنى ئىسپاتلاپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
مەمەتتۇرسۇن چوڭ شىنجاڭ كوماندىسىدا ياخشى نەتىجە ياراتقان مەزگىلدە، قۇربانجان چوڭ بوكس ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاكىسىغا ئېيتىدۇ، مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئىنىسىغا مۇنداق دەيدۇ: « مەن ساڭا بوكس ئۆگەتسەم بولىدۇ، لېكىن بوكس تەنھەرىكەتچىسى بولىمەن دېمە، بۇ بەك جاپالىق كەسىپ، نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىشىڭگە توغرا كېلىدۇ.»مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ گېپى ئىنىسىنى توسۇپ قالالمايدۇ، قۇربانجان چوڭ يەنىلا بوكسنى تاللايدۇ، 2008-يىلى قۇربانجان چوڭ قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 2010-يىلى تاللىنىش ئارقىلىق شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا كېلىپ، ئاكىسى بىلەن بىر كوماندىدا مەشىق قىلىدۇ.
قۇربانجان چوڭنىڭ ئارزۇسى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بىلەن دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشىش، بۇ يىل ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۇ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن مەمەتتۇرسۇن چوڭمۇ ئىنتايىن خۇش بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىنىمنىڭ سۈرئىتى تېز، مۇشتى ئېغىر، مەشىقتە بەزىدە ئۇ مېنىمۇ يېڭەلەيدۇ، لېكىن ھەقىقىي مۇسابىقىدە، ئۇ پىسخىكىلىق ھالىتىنى ئانچە ياخشى تەڭشىيەلمەيدۇ، بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، ئەگەردە ئۇ پىسخىكىلىق ھالىتىنى ياخشى تەڭشىيەلىسىلا، نەتىجە ئېلىشىدا گەپ يوق، شۇندىلا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.»
ئادەتتىكى مەشىقتە، مەمەتتۇرسۇن چوڭ بىلەن قۇربانجان چوڭ دائىم رەقىپ بولۇپ مەيدانغا چۈشىدۇ. كوماندا ئىچىدە مەشىق قىلغاندا، مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئەزەلدىن ئاياپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇسابىقە مەيدانىدا رەقىبىم ماڭا رەھىم قىلامدىكىن دەپ ئويلاپ قالما، بوكس ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئە قىلىش دېمەكتۇر، ئۆزۈڭنىڭ تېخنىكا ئالاھىدىلىكىڭنى يارات، توختىماي مەشىق قىلىش جەريانىدا، ئۆزۈڭنىڭ ئىنكاسىڭنى ئاشۇر، شۇندىلا رەقىبىڭنى مەغلۇپ قىلالايسەن.»
شىنجاڭ بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، باش تېرىنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت مۇنداق دېدى: «مەمەتتۇرسۇن چوڭ بىر پېشقەدەم ماھىر بولۇپ قالدى ھەم شۇنداقلا بىزنىڭ بوكس كوماندىمىزدىكى داڭدار شەخىس ۋە باشلامچى، ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى 13 ماھىر مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، بۇ قېتىملىقى ئالدىنقى قېتىملىق بىلەن ئوخشىمايدۇ، ھەر بىر نەتىجە بىرمۇبىر مۇسابىقە ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن. مەمەتتۇرسۇن چوڭ ۋە قۇربانجان چوڭ ئىككى قېرىنداش بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگەقاتنىشىشقا تاللاندى، ھەر ئىككىلىسى شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىدۇ، بىر ئائىلە ئۈچۈن بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى