باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ۋەزىپە دائىرسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 كۆپەيدى

نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80 كۆپەيدى

2017.07.13 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12-ئىيۇل ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش سالمىقىنى قەئىي بوشاشتۇرماسلىق، قەتئىي كەڭچىلىك قىلماسلىق پوزىتسىيەسىنى قەتئىي ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەتنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ دەسلەپكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، بېيجىڭ، سەنشى، جېجياڭدىن ئىبارەت سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلاردىن سىرت، باشقا ئۆلكىلەر خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا چېقىلىش قاتارلىق ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن 30 مىڭ 538 كىشىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە سابىق ھاكىم-باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 1505ى، سابىق نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 224ى بولۇپ، قانۇن بويىچە خۇاڭ شىڭگو، لى جيا، ما جيەن، چېن شۈ، لۇ ئېنگۇاڭ قاتارلىق 12 سابىق ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن. ۋاڭ باۋئەن، ۋاڭ ياڭ، جاڭ يۆ قاتارلىق 14 سابىق ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرنى ئەيىبلىگەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، تەپتىش ئورگانلىرى يەنە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ۋەزىپە دائىرسىدىكى جىنايەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ۋەزىپە دائىرسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن 1650 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.7 ئاشقان، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىدىن 69 سىدا ئالدىنى ئېلىش بويىچە نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرغان. چوڭ-چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن 495 كىشىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خېنەن ئۆلكىسى دېڭشىڭ شەھىرى «شىڭيۈ» كۆمۈر كانىدىكى زور پارتلاش ۋەقەسى قاتارلىق 12 چوڭ دېلوغا تاختا چىقىرىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان، شەنشى، گۇاڭدۇڭ، خېنەن ئۆلكىلىك تەپتىش ئورگانلىرى «شىئەن مېتروسىدىكى چاتاق كابېل»، «شىنفېڭ ناھىيەسىدىكى <ليەنفېڭ> ھاۋالە بىلەن بېقىش مەركىزى ۋەقەسى»، « جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باش شىركىتىنىڭ نەنياڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق گۇاڭۋۇ شۆبە ئامبىرىدىكى بۇغداينىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىش» ۋەقەلىرىنى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش مەخسۇس خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 39 دۆلەت ۋە رايوندىن ۋەزىپە دائىرسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن 174 جىنايەت گۇماندارىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى»دىن 28ى بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر