باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بىر يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ تۈگىمىدى

2017.07.13 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-ئىيۇل تۈركىيەدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بىر يىللىقى. «تۈركىيە ئاۋازى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە قۇربان بولغان 249 قەھرىمان خاتىرىلەندى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان بىلەن زۇڭلى يىلدىرىم ئامما بىلەن بىرلىكتە قەبرىستانلىققا بېرىپ قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى، نۇرغۇن ئامما «ۋەتەن مەڭگۈ بۆلۈنمەس» دەپ شوئار توۋلىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا، ئەردوئان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش ئورگىنىدا ئېچىلغان يىغىندا «بىز 15-ئىيۇلنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز» دېگەن ئىدى.

  بۇلتۇرقى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش بىر كۈنلا داۋاملاشقان بولسىمۇ، تۈركىيەگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيەسى ۋە ئىچكى ئىشلىرى يەنىلا يېڭى خىرىسلارغا دۇچكەلمەكتە.

  دىپلوماتىيە جەھەتتە، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى داۋاملىق يىرىكلەشتى، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تۈركىيەنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا باشقىچە قاراشتا بولغانلىقتىن، تۈركىيە نارازى بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئەيىبلەشلىرى ئۈزۈلمىدى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشى كۆپۈككە ئايلىنىشى مۇمكىن.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 12-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەردوئان بۇ تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ كىرىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز، دەپ ئېنىق جاۋاب بەرسە، تۈركىيەمۇ قوبۇل قىلىدۇ، تۈركىيەگە نىسبەتەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەس.

  10-ئىيۇل ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرىنىڭ چېگرادىن كىرىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەشكە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى رەت قىلىپ، بۇ پائالىيەت ئاۋسترىيەنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ ئالدىدا گېرمانىيە بىلەن گوللاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە ياۋروپا دۆلىتىمۇ تۈركىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىپ، ئالاقىدار سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا چەك قويغان ئىدى.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: تۈركىيە سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ پىلانلىغۇچىسى دەپ بېكىتكەن فەتھۇللا گۈلەننى ئامېرىكىدىن قايتۇرۇپ كېلەلمىگەچكە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتمۇ تۈپتىن ياخشىلانمىدى. تۈركىيەنىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئىتتىپاقدىشى قاتارنىڭ «دىپلوماتىيەنى ئۈزۈش كىرىزىسى»مۇ تۈركىيە بىلەن پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە پاسسىپ تەسىر يەتكۈزدى، تۈركىيە دىپلوماتىيە سەھنىسىدە مەلۇم دەرىجىدە يېتىم قالدى.

  تۈركىيە جەمئىيىتىمۇ بۆلۈنۈش بېسىمىغا دۇچكەلدى. تۈركىيە ئاناتولى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ يېقىندا مۇنداق دېگەن: 2016-يىلى 7-ئايدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان، 50 مىڭ كىشىگە جازا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى، ئەدلىيە تارماقلىرى يەنە 169 مىڭ گۇماندارنى سوتلاش تەرتىپىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. بۇندىن باشقا سەككىز مىڭ گۇماندار قېچىپ يۈرمەكتە.

  تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە بىر ئاي داۋاملاشقان «ھەققانىيەت نامايىشى» 9-ئىيۇل ئىستانبۇلدا ئاياغلاشتى. بۇ 2013-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە كۆتۈرۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ نامايىش، كىشىلەر ئەنقەرەدىن يولغا چىقىپ، 25 كۈندە پىيادە 450 كىلومېتىر يول يۈرۈپ ئىستانبۇلغا يېتىپ كېلىپ، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تەخمىنەن ئىككى مىليون كىشى قاتناشتى، دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئەردوئان ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، ئارمىيە ۋە تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەرنى تەرتىپكە سالدى، تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەردوئان كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك زۇڭتۇڭغا ئايلىنىپ، دۆلەتنى تېخىمۇ قاتتىق ئىدارە قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاممىنىڭ تەلەپلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھازىرقى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر