خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى ئوشاقباي كەنتىنىڭ ئاھالىسى پىشقان ئالقاتلارنى ئۈزمەكتە. جىڭ ناھىيەسىدىكى ئالقاتلار ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى ئالقات ئۆستۈرۈش رايونىدا، «ئالقات ئۈزۈش قوشۇنى» تولۇق سۈرئەتتە ئالقات ئۈزۈش، قۇرۇتۇش ئىشىغا كىرىشتى. 2017-يىلى جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات ئۆستۈرۈش رايونى كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، 170 مىڭ موغا يەتكۈزۈلۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان يېتەكچى كەسىپ بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى