باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تومۇز كىرىشتىن بۇرۇن، شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇر ياغىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

2017.07.12 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئىيۇل، يىلدا بىر كېلىدىغان تومۇز كۈنلىرى باشلىنىدىكەن. تومۇز كىرىشتىن بۇرۇن، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئۇدا كۆرۈلگەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا ئۆزگىرىش بولىدىكەن، ۋاھالەنكى جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى 14-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئىران سۇبتروپىك يۇقىرى ھاۋا بېسىمىنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. جۇڭگو ھاۋارايى تورىدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 9-ئىيۇل پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى تىزىملىكىدە ئالدىنقى 10 رەتنى پۈتۈنلەي شىنجاڭدىكى رايونلار ئىگىلىگەن، تۇرپان شەھىرىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃47 بولغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 11-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ، ئاساسلىق شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31 بولىدىكەن.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، ئوت كېتىش خەۋپى يۇقىرى بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر