- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ساپ پايدىسى %18.6 ئاشتى
2017.07.13 15:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باش بوغالتىرى شېن يىڭ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى داۋاملىق ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 1 تىرىليون 250 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.8 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 72 مىليارد 180 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8 ئاشتى، ساپ پايدىسى 535 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.6 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 6-ئايدىكى پايدىسى 159 مىليارد 670 مىليون يۈەن بولۇپ، تاق ئايدىكى پايدىسى ئەڭ كۆپ بولۇشتەك تارىخىي سەۋىيە يارىتىلدى. 102 مەركەز كارخانىسىنىڭ 99 ى پايدا ئالدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر