باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دىننى دەستەك قىلىۋالغانلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەيلى

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا

2017.07.13 14:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزىلەر خوتەندە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ نىسبىتى يۇقىرى، دىنىي ھېسسىياتىنىڭ ساددا بولۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، زامانغا لايىق تۇرمۇشنى دىنلاشتۇرۇش، ئۆرپ- ئادەتنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشنى مەقسەتلىك ھالدا يوشۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇردى؛ بەزىلەر يوشۇرۇن ھالدا شەرىئەت ھەممىدىن ئەلا، شەرىئەت دۆلەت قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەيدىغان قاراشقا ھەدەپ ماسلىشىپ ۋە ئۇنى تەرغىب قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا قارشى چىقتى؛ بەزىلەر دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋېلىپ، بېكىنمە، قالاق، نادان، چېكىنىش قارىشىنى تەرغىب قىلىپ، بارلىق زامانىۋى مەدەنىيلىك ۋە ئېسىل مەدەنىيەتنى چەتكە قاقتى؛ بەزىلەر دىن بارلىقىمىز، بارلىقىمىزنى دىن ئاتا قىلغان، دېگەننى تەرغىب قىلىپ، گۆش يەپ تۇرۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ھاقارەتلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئالا كۆڭۈللۈك قىلدى. بۇ مەسىلىلەر خوتەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. قويۇق تۇماننى تۈگەتمىسەك، ئەسەبىيلىكتىن، تەلۋىلىكتىن قۇتۇلمىساق، ئۇيغۇرلار زامانىۋى، مەدەنىي تەرەققىيات يولىغا ماڭالمايدۇ.

  مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان كادىر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ قايتا ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا بىر قانچە تونۇشۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.

  دىن ئۇزاق مۇددەتلىكلىككە، ئاممىۋىلىققا، مۇرەككەپلىككە ئىگە، شۇڭا دىن ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئاسان پايدىلىنىلىپ كېتىشىنىڭ زىيىنىدىن جەزمەن يۈكسەك ھوشيار تۇرۇشىمىز كېرەك

  دىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا بارغاندىكى تارىخىي ھادىسە، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىش جەريانى بولىدۇ. دىنىي ئېتىقاد، دىنىي ھېسسىيات ۋە بۇ خىل ئېتىقاد ۋە ھېسسىياتقا ئۇيغۇن بولغان دىنىي مۇراسىملار ۋە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت ۋە تارىخنىڭ مەھسۇلى. دىنىي قاراشنىڭ دەسلەپتە پەيدا بولۇشى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ سىرلىقلىقىغا بولغان قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ ھەقتە ئېنگېلس مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق دىن پەقەت كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تاشقى كۈچنىڭ كىشىلەر كاللىسىدىكى خىيالىي ئىنكاسى». دىن يەنە كىشىلەرنىڭ بىر خىل مەنىۋى ئۈمىدى ۋە پىسخىك تەسەللىسى. تارىخىي تەرەققىيات ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىدىكى، دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇرەككەپ تەبىئەت مەنبەسى، ئىجتىمائىي مەنبە، بىلىش مەنبەسى ۋە پىسخىكا مەنبەسىگە ئىگە.

  سوتسىيالىزم جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۈرلۈك ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن دىننىڭ تەسىرىنىڭ قىسمەن كىشىلەر ئارىسىدا ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، سوتسىيالىزم شارائىتىدىكى دىن مەسىلىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان تونۇشىمىز جەزمەن يېتەرلىك سەگەك بولۇشى، بولۇپمۇ خوتەندەك بۇنداق ئۇزاقتىن بۇيان ئىسلام دىنىنى ئاساسلىق دىن قىلغان، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، دىنىي كەيپىيات نىسپىي قويۇق رايوندا دىننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، ئاممىۋىلىقى ۋە مۇرەككەپلىكلىكىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز، بولۇپمۇ دىن ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئاسان پايدىلىنىلىپ كېتىش خەۋپىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇشىمىز، دىن ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئاسان پايدىلىنىلىپ كېتىشنىڭ ئېغىر زىيىنىنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەك. ۋەتەننى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن زوراۋانلىق، تېررورلۇق سادىر قىلغان «ئۈچ خىل كۈچ» پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇپ، «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن زەھەرلىك سەپسەتىلەرنى تەرغىب قىلىپ، قىسمەن بىگۇناھ مۇسۇلمان ئاممىنى ئازدۇرۇپ، زەمبىرەككە يەم قىلدى ۋە قۇربان قىلدى. شۇڭا بىز چوڭقۇر ئويلىنىپ ۋە ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇپ، مۇسۇلمان ئاممىغا ياخشى تەربىيە بېرىشىمىز كېرەك.

  مىللەت دىنغا باراۋەر ئەمەس، تارىختا خوتەن ئۇيغۇرلىرى كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان

  دىن ئۈستىقۇرۇلمىغا تەۋە بولۇپ، بىر خىل ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە ھېسابلىنىدۇ. مىللەت تارىخ كاتېگورىيەسىگە تەۋە بولۇپ، كىشىلەر تارىختا شەكىللەندۈرگەن مۇقىم ئورتاق گەۋدە. تارىخىي يوسۇندا قارىغاندا، بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بەزى مىللەتلەر باشتىن- ئاخىر بىر خىل دىنغىلا ئېتىقاد قىلغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، ئېلىمىزدىكى ناشى، چياڭزۇ، بۇيى مىللىتى قاتارلىقلار؛ بەزى مىللەتلەر ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋردە ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر تارىختا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىپتىدائىي دىن، شامان دىنى، ئاتەش دىنى، مانى دىنى، بۇددا دىنى، نېستۇرى دىنىغا، ئاندىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بەزى مىللەتلەر تارىختا بىر خىللا دىنغا ئېتىقاد قىلغان ئەمەس، مەسىلەن، خەنزۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى ئامما ھازىر يەنىلا بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا خوتەنلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى ناھايىتى ئۇزاق مۇددەتلىك تەبىئەتكە چوقۇنۇش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن، بەزى چوقۇنۇش ئىزنالىرى ھازىرغىچە ئەل ئىچى مەدەنىيەت تۇپرىقىدا ساقلانماقتا. مەسىلەن، قۇياشقا، ئىلاھى دەرەخقە، ئاتەش ئىلاھىغا، ئىلاھى تاشقا چوقۇنۇش قاتارلىقلار. ھازىرغىچە بەزى ئۇيغۇر ئامما ئارىسىدا ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى قۇياش كۆتۈرۈلىدىغان شەرق تەرەپكە قارىتىپ ئورنىتىش، مازارلىقتىكى قەدىمىي دەرەخلەرگە ھەر خىل رەڭلىك رەختلەرنى ئېسىپ بەخت تىلەپ، بالايىئاپەتنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىبادەت قىلىش ۋە تويدا كېلىننى ئوتتىن ئاتلىتىش، كۆرپىسىنىڭ ئاستىغا تاش قويۇش قاتارلىق ئادەتلەر ساقلانغان. شامان دىنى ئىلاھنىڭ ئەلچىسى بولغان شاماننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، خوتەندىكى ئۇيغۇرلار بۇ خىل شامان پېرىخونىنى «باخشى» دەپ ئاتايدۇ. «كېيىنكى خەننامە. بەن چاۋنىڭ تەرجىمىھالى»دا: ئۇدۇن دۆلىتىدە «پېرىخونغا ئىشىنىش ئادىتى بار ئىدى»، دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ئاۋامنىڭ شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك بولغانلىقى ھەم شامان پېرىخونلىرى بارلىقى كۆرسىتىلگەن. شامان دىنى تارىخقا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۇنىڭ ئىزنالىرى ساقلانغان. ئاتەش دىنى يەنە زەردەشت دىنى، ئوت ئېتىقادچىلىقى، ئوتقا چوقۇنۇش دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئۇدۇن دۆلىتىگە ئەڭ بالدۇر كىرگەن دىن ھېسابلىنىدۇ. ئاتەش دىنى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دىنلار ئىچىدە شامان دىنىدىن باشقا، يەنە كېيىنرەك تارقالغان بۇددا دىنى ۋە كېيىنكى مانى دىنى، نېستۇرى دىنى قاتارلىقلار بار، بۇ دىنلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن تەدرىجىي زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.

  «كونا تاڭنامە»دە: «(ئۇدۇن دۆلىتىدىكىلەر) خەيرلىك ئىشنى ئاتەش ئىلاھىدىن تىلەيتتى»، دەپ خاتىرىلەنگەن. «كونا بەش دەۋر تارىخى»دا: «(ئۇدۇن دۆلىتىدىكىلەردە) خەيرلىك ئىشنى ئاتەش ئىلاھىدىن تىلەش ئادىتى بار»، دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىردە بۇددا دىنى ئۇدۇنغا كىرگەن، شۇنىڭدىن كېيىنكى 1000 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇدۇن دۆلىتى بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ دۇنياغا تونۇلغان. چىرا ناھىيەسىدىكى كىچىك بۇتخانا خارابىسى ئەينى ۋاقىتتا بۇددا دىنىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. ھازىرمۇ ياپونىيەدىكى بەزى بۇددا مۇخلىسلىرى قەلبىدە خوتەننى بۇددا دىنىنىڭ تەڭداشسىز مۇقەددەس ماكانى دەپ قارايدۇ. مانى دىنى شىنجاڭ رايونىدا ئەڭ ئۇزاق تارقالغان دىنلارنىڭ بىرى، ئۇدۇن، ئىدىقۇت قاتارلىق جايلار مانى دىنى كىرگەن جاي ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنەن مىلادى 6- ئەسىردە نېستۇرى دىنى شىنجاڭغا كىرگەن، بۇ جەرياندا نېستۇرى دىنىنىڭ باش روھانى ئىرياⅢ قەشقەردە باش دىنىي رايون قۇرغان، قارا قىتان دەۋرىگە كەلگەندە، دىنىي رايوننىڭ دائىرىسى قەشقەر، ئۇدۇن ۋە يەتتە سۇ ھەۋزە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىلادى 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دىنى خوتەنگە كىرىپ، ئاساسلىق دىنغا ئايلانغان ھەم ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

  تارىخىي تەرەققىيات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن، بىر خىل دىنغا ياكى كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ئۆزگەرمەيدۇ. ئەگەر دىننى بىردىنبىر بەلگە قىلىپ مىللەت ئايرىساق، مىللەت كىشىلەرنىڭ مۇقىم ئورتاق گەۋدىسى بولالمايدۇ، مىللەتنىڭ نامىمۇ دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، ئۇنداقتا كىشىلەر دىنىي ئېتىقادىغا ئاساسەن «خىرىستىيان دىنى مىللىتى»، «بۇددا دىنى مىللىتى»، «ئىسلام دىنى مىللىتى» دەپ ئايرىلىپ قالىدۇ. لېكىن، بەزى يامان غەرەزلىك كىشىلەر مىللەت بىلەن دىننى بىر- بىرىگە زورلاپ «تېڭىپ»، دىندىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، مىللەتنى دىن بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئەگەر مۇشۇ بويىچە يەكۈن چىقارساق، بىز ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مىللىتى بولماستىن، بەلكى «شامان دىنى مىللىتى»، «ئاتەش دىنى مىللىتى»، «مانى دىنى مىللىتى»، «بۇددا دىنى مىللىتى»، «نېستۇرى دىنى مىللىتى»، «ئىسلام دىنى مىللىتى» بولۇپ قالمامدۇق! بۇ بەك نادانلىق ھەم كۈلكىلىك ئىش ئەمەسمۇ!

  تارىختا خوتەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇزاق مۇددەت بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىن ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى پۈتۈنلەي دىنىي ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى

  مىلادى 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دىنى ئالدى بىلەن ھازىرقى قەشقەر ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرگەن. مىلادى 960- يىلى مۇسا ئارسلانخان ئىسلام دىنىنى قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىغان. كېيىن قاراخانىيلار خاندانلىقى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇدۇن خاندانلىقى بىلەن كەسكىن زىددىيەتلىشىپ قالغان. مىلادى 962- يىلى قاراخانىيلار خاندانلىقى ئۇدۇن خاندانلىقىغا 40 نەچچە يىلغا سوزۇلغان دىنىي ئۇرۇش قوزغىغان، ئاتالمىش دىنىي ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتى يەنىلا سىياسىي ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىدى. مىلادى 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراخانىيلار خاندانلىقى ئاخىر ئۇدۇن خاندانلىقىنى قوراللىق بويسۇندۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى ئۇدۇن رايونىغا كېڭەيتىپ، بۇددا دىنىنىڭ ئۇدۇن رايونىدىكى مىڭ يىلچە تارقىلىش تارىخىغا خاتىمە بەرگەن، ئۇدۇن خەلقى شۇنىڭدىن كېيىن ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىمقى دىنىي ئۇرۇش ئۇدۇن رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سېلىپلا قالماي، خەلقنىمۇ ئېغىر بالايىئاپەتكە دۇچار قىلغان، خەلقنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان. ھازىرغا قەدەر، قەشقەردىن خوتەنگىچە، بولۇپمۇ چىرا ناھىيەسىنىڭ دامىكۇ ئەتراپىدا شۇ قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ نۇرغۇن خارابىسى − مازارلىق ساقلانماقتا. تارىخ بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، بىزنىڭ خوتەندىكى ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقا قىلغان ئەمەس، ئىلگىرى كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان، ئېتىقادنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىغا بىز خوتەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئېزىشىگە ئۇچراپ، ئامالسىز قالغانلىقى سەۋەب بولغان. مانا بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ھەقىقىي ئۆزگىرىش تارىخى!

  مىللىي ئۆرپ- ئادەت دىنغا باراۋەر ئەمەس، مىللىي ئۆرپ- ئادەتنى دىنغا چېتىۋېلىش يامان غەرەزلىكتۇر

  مىللىي ئۆرپ- ئادەت دىنغا باغلىنىشلىق بولىدۇ، لېكىن مىللىي ئۆرپ- ئادەتنى دىن بىلەن باراۋەر دەپ قاراش ئىنتايىن خاتا. مىللىي ئۆرپ- ئادەت − بىر مىللەتنىڭ ماددىي تۇرمۇشى، مەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئائىلە، تويلىشىش مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ئەنئەنىسى، ھەر مىللەت خەلق ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئۆرپ- ئادەت بولۇپ، مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە شەكىللىنىشىنى، بىر مىللەتنىڭ ئورتاق پىسخىكا ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ مىللىي ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسىم، شۇنداقلا بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. دەرۋەقە شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، دىن ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە ئېتىقا قىلىدىغان مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە كەڭ ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان قىسمەن مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەر ساقلانغىلى بولمىغان ھالدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە دىنىي تۈس ئالغان بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە دىنىي تۈس ئالغانلىرى ئاللىقاچان دىنىي ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.

  قەدىمدىن بۇيان خوتەن دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيەت سۈركىلىپ، بىرىكىپ كەلگەن رايونلارنىڭ بىرى بولغان. خوتەندىكى ھەر قايسى مىللەتنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانى مىللەتلەر ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا بەھرىلىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى شامان دىنى، ئاتەش دىنى، مانى دىنى، بۇددا دىنى، نېستۇرى دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ ۋە ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن باشقا، يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنىڭ تەسىرىگە، ھەتتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاخىرىدا بىرىكىپ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئالغا ئىنتىلىدىغان، زامانغا لايىق ئۆرپ- ئادەت بولۇپ شەكىللەنگەن. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزىلەر غەرەزلىك ھالدا مىللىي ئۆرپ- ئادەتنى دىن بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ، مىللىي ئۆرپ- ئادەت پائالىيىتىنىڭ توغرا بولغان- بولمىغانلىقى ۋە مۇۋاپىق بولغان- بولمىغانلىقىغا خالىغانچە ئۆلچەم قويۇپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، مىللىي ئۆرپ- ئادەتنى قەستەن دىنلاشتۇرۇش، دىنىي پائالىيەتلەرنى ئەسەبىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ! ئەگەر بىز بۇنىڭدىن يۈكسەك ھوشيار تۇرمىساق، ئۇلارنىڭ يامان غەرىزىنى ئېنىق كۆرۈۋالالمىساق، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر بۇرنىمىزدىن يېتىلەپ ماڭىدۇ، تەپەككۇرىمىزنى باشلاپ ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالىمىز، مەسىلىنى ئويلاش، تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشتا ھەدەپ مىللىي ئۆرپ- ئادەتنى دىنغا چېتىپ، مىللىي ئۆرپ- ئادەتنى دىنلاشتۇرۇش، دىننى ئەسەبىيلەشتۈرۈش، مىللەتنى نادانلاشتۇرۇشنىڭ ھەمتۈرتكىچىلىرىگە ئايلىنىپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ۋاز كەچكۈزسەك، ئۇيغۇر مىللىتىنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرگەن بولىمىز!

  دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە خوتەندىكى ئۇيغۇرلارغا ئامەت ئەمەس، ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ

  تارىخىي ساۋاقلار ۋە كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىق بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، دىنىي كەيپىياتنىڭ قويۇق بولۇشى مۇقەررەر ھالدا دىنىي تەلۋىلىكنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ، دىنىي تەلۋىلىك مۇقەررەر ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دىنىي ئەسەبىيلىك مۇقەررەر ھالدا زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئومۇمەن دىنىي كەيپىيات قويۇق جايلاردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ئاسانلا يامراپ كېتىدۇ، كۆپ قىسىم ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەر غۇربەتچىلىكتە ئۆتىدۇ؛ ئومۇمەن، دىنىي كەيپىيات سۇسراق جايلاردا كۆپ قىسىم ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەر باياشات ئۆتىدۇ. دىنىي كەيپىيات قويۇق بولسا، يېزىلاردىكى كۆللەرگە ئوخشاش، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ناھايىتى ئاسانلا تۈرلۈك كېسەللىك باكتېرىيەلىرى پەيدا بولىدۇ؛ دىنىي كەيپىياتنىڭ قويۇق بولۇشى خۇددى تۇپراقنىڭ ناھايىتى مۇنبەت بولغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ناۋادا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زەھەرلىك ئۇرۇقى شۇ تۇپراققا چۈشۈپ قالسا، ناھايىتى تېز بىخلىنىپ، يامراپ كېتىدۇ؛ دىنىي كەيپىياتنىڭ قويۇق بولۇشى ئۇزاققىچە قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن ئورمانغا ئوخشاش، كىچىككىنە ئۇچقۇنغا ئۇچرىسىلا يالقۇنجاپ كۆيىدۇ. بەزى جايلاردا زىددىيەتنىڭ گەۋدىلىك، مەسىلىلەرنىڭ مۇرەككەپ بولۇشىغا دىنىي كەيپىياتنىڭ قويۇق بولغانلىقى، ناچار كەيپىياتنىڭ ھۆكۈم سۈرگەنلىكى، توغرا كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئالمىغانلىقى سەۋەب بولغان.

  كۆپچىلىك ئويلاپ بېقىڭلار، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىزنى قوللاش سالمىقى مىسلىسىز زورايدى. لېكىن نېمە ئۈچۈن خوتەن ھازىرغىچە يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خوتەندە ھازىرغىچە يەنە نۇرغۇن قىران ياشلار ساۋاتسىز ياكى چالا ساۋات بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىز ھازىرغىچە يەنە غايەت زور زېھنىي كۈچ، مالىيە كۈچى، ئادەم كۈچىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا سەرپ قىلىمىز؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى «ئۈچ خىل كۈچ» سالغان زىياننىڭ ئاقىۋىتى. بىز ئۆزىمىزنى ئالدىمايلى، تېخىمۇ مۇھىمى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنى قانات ئاستىمىزغا ئالمايلى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە خوتەنگە ئىناقلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىك، ئىتتىپاقلىقنى ئەمەس، گۈللەپ- ياشناش ۋە مەدەنىيلىك، ئىلگىرىلەشنىمۇ ئەمەس، بەلكى نادانلىق، نامراتلىق ۋە قالاقلىق، ئەسەبىيلىكنى ئېلىپ كەلدى، نەچچە ئەۋلاد خوتەنلىككە ساۋاتسىزلىق ئېلىپ كەلدى! شۇڭا، بۈگۈن بىز سەگەكلىشىشىمىز، شۇنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ھەرگىزمۇ بىز ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزىدىغان نىجاتكار ئەمەس، ئىلگىرى ئەمەس ئىدى، ھازىرمۇ ئەمەس، كەلگۈسىدىمۇ ئەمەس! ھەرقانداق بىر دىن دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر تەرىپىدىن ئىسكەنجىگە ئېلىنىپ، ئەسەبىيلىك يولىغا، ئىنسانىيەتكە قارشى يولغا قاراپ مېڭىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىگە چېقىلسا، ئۇنداقتا بۇ دىن چوقۇم ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ئىسلام دىنى ئەمەس، ئۇ ماھىيەتتە دىنغا قارشى تۇرىدۇ، ئۇ دەل ئىسلام دىنىنىڭ دۈشمىنى. ئوتتۇرا شەرقتىكى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە نەزەر سېلىپ باقايلى، ئۇلار پەيدا قىلغان تېررورلۇق ھەرىكەتلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىگۇناھ مۇسۇلمان ئامما. ئەجەبا بىزنىڭ خوتەندىكى مۇسۇلمانلار بۇ مەسىلىنى ئويلىنىپ بېقىشى زۆرۈر ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا بىز خوتەندىكى كادىرلارنىڭ ئاممىغا بۇ ئەھۋاللارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز زۆرۈر ئەمەسمۇ؟ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر شىنجاڭدا قانلىق دېلولارنى سادىر قىلدى، مىللەت، قېرىنداش ئايرىمىدى، 2014- يىلى مۇسۇلمان ئامما ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىززەتلەيدىغان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر داموللا ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلدى.

  دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەرگىز دىن ئەركىنلىكى ئەمەس، دىنىي پائالىيەتلەر چوقۇم دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك

  دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بىر تۈرلۈك ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە كونكرېت ئەمەلىيەت ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ بۇ ھوقۇقىنى تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە قوغدايدۇ. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىرىنچى بولۇپ دۆلەتنىڭ پۇقراسى ھېسابلىنىدۇ، پۇقرالىق ئاساسىي ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى شەرت؛ ئىككىنچى بولۇپ دىنغا ئېتىقا قىلىدىغان ئامما ھېسابلىنىدۇ، قانۇن يول قويغان دائىرىدە دىنىي ئەقىدىلەر بويىچە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. ئالدى بىلەن ۋەتەننى سۆيۈپ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولغاندىلا، ئاندىن دىننى سۆيىدىغان تەقۋادار ياخشى دىندار بولغىلى بولىدۇ. مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن، ھەممەيلەن قانۇن ئالدىدا بىردەك باراۋەر، ھەر قانداق كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. ھەرقانداق دىنىي پائالىيەت باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئوخشاش، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەك، ھەرقانداق دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانۇندىن ئىبارەت بۇ قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك ۋە يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا تېگىشىگە قەتئىي بولمايدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دېگەنلىك ھەرگىزمۇ دىن ئەركىنلىكى دېگەنلىك ئەمەس، ھەرگىزمۇ نېمە قىلسا بولىۋېرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، دىنىي پائالىيەتلەر قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ھەرقانداق دىننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندىن ھالقىغان ئىمتىيازى يوق، قانۇندىن ئۈستۈن تۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەرگىزمۇ نېمىگە ئېتىقاد قىلسا بولىۋېرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە دىن ئەمەس، بەلكى دىننى بۇرمىلىغانلىق، دىنغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق، دىننى دەپسەندە قىلغانلىق ۋە دىنغا ئاسىيلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ، جەزمەن توغرا ئېتىقاد، توغرا ھەرىكەتتە بولۇش، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراقلىشىپ، توغرا دىنىي يولدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەرقانداق بىر دىننىڭ ھاياتىي كۈچى شۇ دىننىڭ ئۆزى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان دۆلەت، رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىشىغا باغلىق. ھازىرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئىسلام دىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، بايرىقى روشەن ھالدا جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قانۇن، ئەخلاق تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.

  دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ھەرگىز دىن ئەمەس، ئىسلام دىنىمۇ ئەسەبىي دىن ئەمەس، لېكىن زوراۋان- تېررورچىلار ۋە ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. زوراۋان- تېررورچىلار ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، لېكىن زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە ئىززەت- ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز جەزمەن دىننى دەستەك قىلىۋالغانلارنىڭ سۇيىقەستىنى ئېنىق تونۇپ، پاش قىلىپ ۋە ئېچىپ تاشلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى دىندىن ئايرىپ چىقىپ، زوراۋان- تېررورچىلارنى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىپ، قەتئىي يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىپ، ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قويۇق تۇماننى تۈگىتىپ، «زوراۋان- تېررورچى» بەلگىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن دۆلەت مەنپەئىتى، قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلار ۋە زىيالىيلار تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزىنى يەنە ھەرگىز چەتكە ئالماي، يەنە ئىككىلەنمەي، «ئۈچ خىل كۈچ»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر