باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇسى باشقا جايدا بولغان كىشىلەرنى شەھەر نوپۇسىغا ئالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2017-يىلى تۇرۇش كېنىشكىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.07.13 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە يەنىلا نوپۇسى باشقا جايدا بولغان كىشىلەرنى شەھەر نوپۇسىغا ئالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، بۇ يىل بۇ خىزمەت تۆت جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 2017-يىلى تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەر نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا دائىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ «ئادەم بىلەن جاينى چېتىش»، «ئادەم بىلەن پۇلنى چېتىش» قاتارلىق ھالقىلىق يانداش سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، شۇ جايدىكى نوپوسلۇق كىشىلەرنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى 5.5 پىرسەنت پوئىنت، دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى 3.62 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرىلىغان. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىي نوپۇسقا ئالدۇرۇش جەريانى ئىجتىمائىي كۆزلىمىگە يەتمىدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: يەرلىكنىڭ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىشى دەل جايىدا بولماسلىق، مۇناسىپ تۈزۈلمە-مېخانىزم بولماسلىق قاتارلىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلىشى كەمچىل بولۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا 2017-يىلىدىكى مۇھىم ۋەزىپە يەنىلا نوپۇسى باشقا جايدا بولغان كىشىلەرنى شەھەر نوپۇسىغا ئالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.

  بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ يىل ئوخشاشمىغان شەھەرلەرگە ئاساسەن، نۇقتىلىق كىشىلەرنى نوپۇسقا ئېلىشقا چەك قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويىۋېتىپ، يەرلىكنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى خالىماسلىقىنى نوپۇسقا ئېلىش ئۆلچىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىش باھانىسى قىلىۋالماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. جايلارنىڭ «ئادەم بىلەن جاينى چېتىش»، «ئادەم بىلەن پۇلنى چېتىش» سىياسىتىنىڭ كونكرېت يولغا قويۇلۇش چارىسى ۋ تەپسىلىي قائىدىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مالىيە مەبلىغى ۋە يەر كۆرسەتكۈچى بويىچە مۇكاپاتلاش، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىكنىڭ يېزا كۆچمە نوپۇسلىرىنى شەھەرلەشتۈرۈش تەننەرقىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.

  شەھەرلەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارنىڭ يېزىلاردىكى «ئۈچ ھوقۇق» نى قوغداش ۋە ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق چېكىنىش مېخانىزمى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، يېزىلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك تىجارەت ھوقۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مال-مۈلۈك ھوقۇقى رەنىلىك قەرزىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نوپۇسقا ئالدۇرۇش شەرتىنى ۋاقتىنچە ھازىرلىمىغان يېزا كۆچمە نوپۇسلىرىغا قارىتا، شەھەر ئاھالىسى تەمىناتى مەسىلىسىنى تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىللىق ئاساسلىق خىزمەت: تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويمىغان رايونلارنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تېزدىن يولغا قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەم تۇرۇش كىنىشكىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، رايونلارنىڭ تۇرۇش كىنىشكىسى ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، تۈرلۈك ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە ئىش بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇشتىن بەھرلىنىشى دۆلەت ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر