باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2017-يىللىق «شىنجاڭ سۈرئىتى. مەملىكەتلىك تور تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى

شىنجاڭغا يەنە كېلىشكە تەقەززامىز، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپىمىزنى قوشىمىز

2017.07.12 17:16   مەنبە: خەلق تورى

2017-يىللىق «شىنجاڭ سۈرئىتى. مەملىكەتلىك تور تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ سانجى، بورتالا، سايرام، قورغاس، غۇلجا... 11-ئىيۇل، ئالتە كۈن داۋاملاشقان 2017-يىللىق «شىنجاڭ تېزلىكى. مەملىكەتلىك تور تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى.شىنجاڭغا بارمىغۇچە شىنجاڭنىڭ چوڭلۇقىنى، گۈزەللىكىنى، سېھرىي كۈچىنى بىلگىلى بولمايدۇ، مەملىكىتىمىزدىكى 30 دىن ئارتۇق تور تاراتقۇلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار قىسقىغىنا ئالتە كۈن ئىچىدە 2100 كىلومېتىر يول بېسىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى، شىنجاڭلىقلارنىڭ مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلدى، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرى ئۆزى بېرىشقا ئىنتىلگەن بۇ گۈزەل زېمىنغا ئەلچى بولدى، بۇ زېمىننى كۈيلىدى.

  شىئەندىن كەلگەن «غەربىي رايون تورى»نىڭ مۇخبىرى چىن جېن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن شىنجاڭنىڭ قانچىلىك گۈزەللىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن يەنە كېلىمەن!»

  «شەرق تورى»نىڭ مۇخبىرى جاڭ خۈەننىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ ئۆزىنىڭ بۇرۇن تونۇشىدىغان دوستىغا ئوخشاش ئىكەن، چۈنكى شاڭخەيدە كۆپ يوللارنىڭ ئىسمى شىنجاڭنىڭ جاي ناملىرى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىدە ئۇ شىنجاڭنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.

  مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى تور تاراتقۇلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا يەپ بولغىلى بولمايدىغان ئېسىل تائاملار، كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان گۈزەل مەنزىرىلەر، مېھماندوست ھەر مىللەت ئاممىسى بار ئىكەن، شىنجاڭ ھەقىقەتەن ئايرىلىشقا قىيالمىغۇدەك سېھرى كۈچكە تولغان گۈزەل زېمىنكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟
    ·ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان ۋە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىل…
    ·لى كېچياڭ: تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم لاياقە…
    ·ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى تۆت يىلدا %12.7 ئاشتى
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش…
    ·تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ
    ·ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى تېزلىتىلىدۇ
    ·ش ئۇ ئار نىڭ ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 5-ئىيۇل باشلاندى
    ·2017-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى…