باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ھەرقانداق قىلمىش بىكار ئاۋارىچىلىق، دېدى

2017.07.13 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىجتىمائىي پەنلەر يېڭى دەرسلىك پىروگراممىسىدا «قاھىرە خىتابنامىسى»نىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى، مۇناسىۋەتلىك ئورگان تور بېكىتىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ ئېلىۋېتىلىشىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 12-ئىيۇل سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان قىلمىشنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىچىلىق، دېدى.

  ما شاۋگۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «قاھىرەخىتابنامىسى» فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم خەلقئارا ھۆججىتىدۇر. «قاھىرەخىتابنامىسى»دا، مانجۇرىيە، تەيۋەن، پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق ياپونىيە ئىگىلىۋالغان جۇڭگو زېمىنلىرى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەت ئىمزالىغان، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قاتناشقان «پوتسدام باياناتى»دا: «<قاھىرەخىتابنامىسى>دىكى شەرتلەر چوقۇم يولغا قويۇلىدۇ»، دەپ جاكارلانغان. بۇ، ياپونىيە تەسلىم بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەيۋەن، پېڭخۇ قاتارلىق قولدىن كەتكەن زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىشىدىكى خەلقئارا قانۇنىي ئاساس ھېسابلىنىدۇ.

  ما شياۋگۇاڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى شۈبھىسىز تارىخىي پاكىت ۋە قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ھەم خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان. تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىچىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر