باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيانىڭ ئەندىزىسى ئۆزگىرىۋاتقان ئەھۋالدىكى يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى

2017.07.12 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى يېقىندا گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئېچىلىپ، يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش تارىخىي مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ يەنە بىر مۇھىم پەيتىگە ئايلاندى.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بۇلتۇرقى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسى ئاساسىدا قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سىفىرلاشتۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، بۇنىڭدا، كۈچلۈك، سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، يەر شارىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش ھەققىدە ۋەدە بەردى.

  ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇھىم سەھنىسى بولغان 20 دۆلەت گۇرۇھىدا مۇنداق يېڭى يۈزلىنىش پەيدا بولدى: گەرچە ئاز ساندىكى دۆلەتلەردە بىر تەرەپلىمىلىك ۋە سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر يەنىلا كۆپ تەرەپلىمىلىك مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى قوللىدى. جۇڭگونىڭ يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىملىقى كۈنسايىن گەۋدىلىنىپ، بارغانسېرى ئىجابىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

  بۇنىڭدىكى يۈزلىنىشنىڭ بىرىنچىسى-كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرەققىي قىلماقتا

  يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى بىر مۇھىم پۇرسەت. ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى-بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان دۇنيا بەرپا قىلىش، يەنى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش بولدى.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئاقىللار ئامبىرى كېڭىشىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى، گېرمانىيە كىل دۇنيا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى دانىس سىنور چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيا يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلماقتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتتى، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، كۆپ تەرەپلىمىلىككە تايىنىش زۆرۈر.

  جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان شېرىكلىك روھى-باشتىن-ئاخىر 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇنياۋى خىرىسلارغا تەڭ تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇپ كەلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرىدا بىر قىسىم مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان قاراشلار ساقلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەر قايسى تەرەپلەر ئاخىرىدا يەنىلا يەر شارىلاشتۇرۇشنى قوللاش، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاقلىققا كەلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلىرى يەنە ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، ھەر قايسى تەرەپلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ دۇنياۋى خىرىسقا تەڭ تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بەردى.

  بۇندىن باشقا، ئەزا دۆلەتلەر يەنە تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىشكە ۋەدە بەردى؛ گېرمانىيە تۈرتكە بولغان ئافرىقا بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش قارالمىسىدا بىردەكلىككە كېلىپ، ئافرىقىغا سالىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى؛ فوند قۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئايال كارخانىچىلارنى قوللاشقا قوشۇلدى.

  كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىشقا بولغان تۈرتكىسى ئاسان قولغا كەلمىدى، ئۇ-دۇنيا ئىقتىساد ۋەزىيىتىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈچلۈك داۋالغۇش يۈز بەرگەن ئەھۋالدا قولغا كەلتۈرۈلدى.

  2015-يىلىنى كۆپ تەرەپلىك يىل دېيىشكە بولىدۇ، بۇ يىلدا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى "پارىژ كېلىشىمى" ئىمزالاندى، 193 ئەزا دۆلەت بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. 2016-يىلى، سودا قورۇقچىلىقى ۋە ئامېرىكا ئەۋزەل پىرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلغان ترامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغاندىن كېيىن، كۆپ تەرەپلىك ۋە دۇنيا ھەمكارلىقى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. 2017-يىلى ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش تەرتىپىنى باشلىدى، ترامپ ئامېرىكىنىڭ پارىژ كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي سىياسىي ۋەزىيىتىدە يەنە داۋالغۇش بولدى.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسى كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى، ھەمدە كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بەرمىدى، قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالمىدى. سۆھبەت ئانچە ئاسانغا چۈشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خېلى كۆپ قارالما ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

  ئىككىنچى يۈزلىنىش: جۇڭگونىڭ رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

  يەرشارىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا، شەك-شۈبھىسىزكى جۇڭگو بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ.

  ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيىتى، سودا، پۇل مۇئامىلە، سىپىرلىق ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تەرەققىيات، ئافرىقا، سەھىيە، مۇساپىرلار، كۆچمەنلەر، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق قارالمىلار ھەققىدىكى ھەر قايسى مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىدىيەسىنى بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى. بۇ بىر قاتار تەشەببۇسلارنىڭ مەۋقەسى ھازىرقى ئەھۋالغا قارىتىلغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن، يىراققا نەزەر تاشلانغان، ناھايىتى كۈچلۈك يولغا قويۇشچانلىققا ۋە دەۋر تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق يارىتىپ بەردى.

  گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى شىللېر تەتقىقاتخانىسىنىڭ رەئىسى خېلگا زېپ رالۇش: جۇڭگو ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا كۆرۈش ۋە ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىق ئىدىيەلەرنى يەرشارىنى ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈردى، بۇ ئىجابىي ئۈنۈم كۆرسىتىۋاتىدۇ، دېدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاقىللار ئامبىرى ياۋروپانىڭ دوستىنىڭ سىياسەت باشقۇرغۇچىسى سادا ئىسلام: ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو كۆپ تەرەپلىكنىڭ كۈچلۈك نامايەندىسى دەپ قارالدى، دېدى.

  20 دۆلەت گۇرۇھى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى، گېرمانىيە تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى دېرىك مېسنا مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ كۆز قارىشىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، بۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئىدىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆتكەن 10 يىلدا، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلارغا قاتنىشىش قېتىم سانى كۆپەيدى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى تىزگىنلەشتە ئوينايدىغان رولى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.

  جۇڭگو لايىھەسىمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئومۇمىي ئاخباراتتا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس تولۇق قوبۇل قىلىندى، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىكى ئورتاق تونۇش داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە رامكىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلقئارا ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، يەرشارى ئىقتىسادىنى ئوڭشاش ھەققىدە ئىجابىي سىگنال چىقىرىلدى.

  ئۈچىنچى يۆنىلىش: نۇرغۇن ئىختىلاپلار تۈگىتىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

  ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدىن قارىغاندا، يەرشارىنى ئوڭشاشمۇ نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سودا، كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەتتا كۆپ تەرەپلىك قاتارلىق مەسىلىلەردە يەنىلا مەلۇم ئىختىلاپلار مەۋجۇت.

  بېرلىن ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد- سودا مۇتەخەسسىسى شى شىۋېي مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدىكى يەرشارىنى ئوڭشاشقا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا «ئەڭ چوڭ ئېنىقسىزلىق ئامىلى»غا ئايلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ يەر شارىلاشتۇرۇش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئانچە يول قويماي، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاساسىي مەيدانىدا چىڭ تۇردى.

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل باشلىقلار يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوچۇق قىلىپ: سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش سۆھبىتى ئىنتايىن جاپالىق دېدى.

  شى شىۋېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى ئاخباراتى»دا بىز قانۇنلۇق سودا مۇداپىئە قورالىنى ئېتىراپ قىلىمىز دەپ تىلغا ئېلىندى، بۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپقا چىقىرىلغان مۇرەسسە.

  دىققەت ئېتىبارنى قوزغاۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشى قارالمىسىدا ئامېرىكا بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىختىلاپى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىشتا قەتئىي چىڭ تۇردى ھەمدە بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشنى دەرھال توختىتىشنى قارار قىلدى. قالغان 19 ئەزا دۆلەت بىردەك مۇنداق دېدى: «پارىژ كېلىشىمى»نى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، «پارىژ كېلىشىمى»گە قايتىدىن قاراپ چىقىشنى قەتئىي قوللايمىز، ئالاقىدار مەجبۇرىيەتلەرنى تېزدىن تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  كۆزەتكۈچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق 20 دۆلەت گۇرۇھى يەرشارىنى ئوڭشاشقا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم. خۇددى مىسناس ئېيتقاندەك: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە سودا سوممىسى يەرشارىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، دۇنيا تەرەققىيات مۇساپىسىدا كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىقتىدارى ۋە مەسئۇلىيىتى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر