باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توشقان كالپۇك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2017.07.12 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىردىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى بۇ خىل ئائىلىلەر، يەنى ئائىلىسى نامرات ھەم ئائىلىسىدە توشقان كالپۇك بالىلار بار ئائىلىدىكىلەر شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ھەقسىز داۋالاش پۇرسىتىگە ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

  يېقىندا، 2017- يىللىق «تەبەسسۇم ھەرىكىتى» ئۈرۈمچىدە توشقان كالپۇك بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويدى. شۇ پائالىيەت ئۈچۈن نۇقتا قىلىپ بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، يەنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 5- دوختۇرخانىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، مەزكۇر دوختۇرخانا جۇڭگو تەبەسسۇم ھەرىكىتى فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ «تەبەسسۇم ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئائىلىسى نامرات 150 نەپەر توشقان كالپۇك بالا ئۈچۈن ھەقسىز تۈردە شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسى ۋە ئالاقىدار داۋالاشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئائىلىسى نامرات ھەم توشقان كالپۇك بالىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ھەر بىر ئائىلىدىن بىر نەپەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ياتاق-تاماق ۋە قايتىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو «تەبەسسۇم ھەرىكىتى» فوندى ھازىرغا قەدەر، جېجياڭ، شىزاڭ ۋە شىنجاڭ قاتارلىق 30 نەچچە ئۆلكە، رايون ۋە شەھەردە «تەبەسسۇم ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرغان بولۇپ، نەتىجىدە داۋالاپ ساقايتقان بىمارلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشقان. 2006- يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو «تەبەسسۇم ھەرىكىتى» پائالىيىتى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 5- دوختۇرخانا ئارقىلىق شىنجاڭ نامرات ئائىلىدىكى 500 نەپەر بالىنى ھەقسىز داۋالاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  «تەبەسسۇم ھەرىكىتى» ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماسىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

  ئوپېراتسىيە قىلىش ئوبيېكتلىرىغا قويۇلىغان تەلەپلەر:

  1. كالپۇكى يېرىق: تۇغۇلغىلى ئۈچ ئايدىن ئاشقان ۋە بەدەن ئېغىرلىقى نورمال باللىلار؛

  2. تاڭلاي يېرىق: تۇغۇلغىلى 20 ئايدىن ئاشقان ۋە بەدەن ئېغىرلىقى نورمال باللىلار؛

  3. بىماردا يۈرەك كېسىلى، قان مەنبەلىك كېسەل ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى دېگەندەك كېسەللەر يوق باللىلار. يۇقىرىقىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولۇش ياكى بولماسلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ باھالاپ بېكىتىشى نەتىجىسى ئاساسىدا بولىدۇ.

  تەكشۈرۈش ۋاقتى ۋە ئورنى:

  ۋاقتى: 8- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن باشلىنىدۇ

  ئورنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 5- دوختۇرخانا

  مەسلىھەت بېرىش ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:

  خىزمەت ۋاقتىدا: 0991-7598403 (خەنزۇچە مەسلىھەت بېرىدۇ)، 7598406 (خەنزۇچە مەسلىھەت بېرىدۇ)، 7598412 (ئۇيغۇرچە مەسلىھەت بېرىدۇ)

  ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتتا ۋە ھېيت-بايرام ۋاقىتلىرىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى: 18999858800 (ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە قوش تىلدا مەسلىھەت بېرىدۇ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر