باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دەۋر ئۈلگىسى، پەن تەتقىقات سەرخىلى خۇاڭ دانيەن

2017.07.12 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق يەر شارى فىزىكىسى ئالىمى، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خۇاڭ دانيەن بۇ يىل 8-يانۋار كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي چاڭچۈندە ۋاپات بولدى. ئۇ ئەنگلىيەدە 18 يىل تۇرۇپ، خېلى نەتىجە قازانغاندىن كېيىن قەتئىيلىك بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرغان؛ ئۇ 400 دىن ئارتۇق ئالىمنى يېتەكلەپ، نۇرغۇن تۈردە «جۇڭگودىكى بىرىنچى»لىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ «ئالەمنى كۆزىتىش، يەر شارىنى تەكشۈرۈش، دېڭىزغا شۇڭغۇش» ئىشلىرىدىكى نۇرغۇن تېخنىكا بوشلۇقىنى تولۇقلاپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىگىچە ئۆزىنى ئۇنتۇپ خىزمەت قىلغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ يولداش خۇاڭ دانيەننىڭ ۋەتەنگە سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئۇنىڭ باشقىلارنى تەربىيەلەش، جاسارەتلىك بولۇشتەك كەسىپچانلىق روھى، ئاتاق-ئابرۇيغا قىزىقماسلىق، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىش ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  خۇاڭ دانيەن ئىشخانىسىنىڭ شىمالىي تېمىغا ئاينى بىرلىك قىلغان 12 پارچە كالېندار ئېسىلغان، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ 2016-يىللىق كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ناھايىتى ئىنچىكە يېزىلغان، يەنى بىر كۈندە قانچە جايغا بېرىش، بىر قېتىمدا نەچچە ھەپتىلىك كاماندىروپكىغا چىقىش قاتارلىق ئىشلار ناھايىتى نورمال ئەھۋال بولۇپ قالغان. ئۇنى بىلىدىغان كىشىلەرگە شۇنىسى ئايانكى، خۇاڭ دانيەن ئىشخانىسىنىڭ چىرىغى تاكى كېچە سائەت ئىككى، ئۈچلەرگىچە يورۇق تۇراتتى، ئەگەر قايسى كۈنى ئىشخانىسى قاراڭغۇ بولسا، ئۇ چوقۇم كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن بولاتتى. ئۇ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئىسمىم خۇاڭ دانيەن، مەن جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەيمەن، بىز ئاساسىي تەتقىقات ساھەسىگە تەۋە، بىزنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشىمىز كۆچمە سۇپىنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى.

  بۇ-خۇاڭ دانيەننىڭ ھايات ۋاقتىدا باش چۆكۈرۈپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، قولى بوشىغان چاغلاردا نەچچە قېتىم بەرگەن دوكلاتىنىڭ بىرى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى يۈرۈش قىلغان قىيىن تېما-دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قانداق قىلغاندا تېزرەك تەتقىق قىلىپ ياساش ئىدى. بۇ-بىر ئەۋلاد پەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئارزۇسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىر دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ئېھتىياجى ئىدى. خۇاڭ دانيەن مۇنداق دېگەن: بىز ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە، چوڭقۇر دېڭىزغا شۇنداقلا يەرنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك، يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا يۈرۈش قىلىشقا جابدۇق كېتىدۇ.

  خۇاڭ دانيەن پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى يۈ پىڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز يەر شارىنىڭ تېگىدە زادى نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىماقچى بولدۇق، يەنى بۇ نەرسىلەر نېفىت، گاز، كان بايلىقى قاتارلىق تەبىئىي نەرسىلەرنى، يەنە سۈنئىي ئورۇنلاشتۇرىدىغان، مەسىلەن: ھەربىي ئىشلاردىكى بىر قىسىم يوشۇرۇن نىشان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  چەتئەللەر بۇنداق ئىلغار جابدۇق جەھەتتە، ئۇزۇن مۇددەت ئېلىمىزگە قاتتىق ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ھەم تېخنىكىنى قامال قىلغان، ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان جابدۇقىنىڭ سەۋىيەسى ئۇزۇن مۇددەت بۇرۇنقى يىللاردا توختاپ قالغان ئىدى. خۇاڭ دانيەن چەتئەلدە 20 يىلغا يېقىن ئىشلىگەن ھەم ياشىغاندىن كېيىن، 2009-يىلى ئەنگلىيەدىن قەتئىيلىك بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، پەن تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتتى. خۇاڭ دانيەن پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى ما گوچىڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇن بۇ تەتقىقاتقا ئون يىل، ھەتتا 20 يىل كېتىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما خۇاڭ ئۇستاز قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بەزىلەر خۇاڭ دانيەن ۋاقىتنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ دەيدۇ. گۇاڭشىلىق بولغان خۇاڭ دانيەن گۈرۈچ ئۇنىغا ئامراق ئىدى، لېكىن ئۇ قايناپ تۇرغان ئىسسىق تاماقنىڭ ۋاقتىنى بەك ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەمىشە باشقىلار ئارقىلىق مەكتەپ ئالدىدىن ئۈچ يۈەنلىك بىر باش پۇچۇلغان قوناقنى ئەكەلدۈرۈپ، بىر قولىدا قوناقنى يېگەچ، يەنە بىر قولىدا ئىشىنى داۋاملاشتۇراتتى. ما گوچىڭ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ھەمىشە ئۆزۈم ئىگىلىگەن بىلىملەرنى تېزدىن دۆلەتكە تاپشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ تېزدىن باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يەتكۈزۈشۈم كېرەك دېگەن روھىي ھالەتتە خىزمەت قىلاتتى. كېچە-كۈندۈز دەم ئالماي قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا، خۇاڭ دانيەن 400 دىن ئارتۇق ئالىمنى يېتەكلەپ، ۋەتەنگە قايتقان يەتتە يىل جەريانىدا نۇرغۇن تۈردە «جۇڭگودىكى بىرىنچى»لىكنى قولغا كەلتۈردى، يەنى ئېلىمىزنىڭ چوڭقۇر يەرنى تەكشۈرۈش ساھەسىدىكى نۇرغۇن تېخنىكا بوشلۇقىنى تولۇقلاپ، غەرب ئەللىرى 20 نەچچە يىلدا بېسىپ ئۆتكەن جاپالىق مۇساپىنى بەش يىلدا تاماملىدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا مۇنداق دېگەن: مەن ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسەم ئارقىلىق، يەر ئاستىدىكى ئىككى كىلومېتىر، ھەتتا تېخىمۇ چوڭقۇر يەر ئاستىدىكى يوشۇرۇن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئۇلارنى تامامەن ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خۇاڭ دانيەننىڭ يانفونىدىكى ئېكران سۈرىتى-ئەنگلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەنزىرىسى بولۇپ، شەخسىي ئىمزا يېرىگە «مەن بۇ يەرگە جىممىدە كەلگەندەك، يەنە بۇ يەردىن جىممىدە كېتىپ قالدىم» دەپ يازغان. خۇاڭ دانيەن بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېزىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدا يېزىپ قالدۇرغان «ئادەمنىڭ ھاياتى تارىخنىڭ ئېقىمىدا قىسقىغىنا جەريان، مەن ئەگەر مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدىغان كىچىككىنە بىر بۇژغۇن بولۇپ، گۈرۈلدەپ تۇرغان ھەيۋەتلىك ئېقىنغا قوشۇلۇپ، تارىخنىڭ ئالغا قاراپ ماڭغان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولالىسام، مانا بۇ مېنىڭ كىشىلىك ھاياتىمدىكى ئەڭ غۇرۇرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىنىشقا تېگىشلىك ئىش بولغان بولاتتى» دېگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر