باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارىژ ۋە لوس-ئانژىلىس شەھىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بىرلا ۋاقىتتا قولغا كەلتۈردى

2017.07.12 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 130-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 11-ئىيۇل لوساندا بېلەت تاشلاپ، 2024-يىللىق ۋە 2028-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان شەھەرلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىردەك قارار قىلدى. ھازىرقى بىردىنبىر مەسىلە ئىككى ئىلتىماس قىلغۇچى شەھەر لوس-ئانژىلىس ۋە پارىژدىن قايسىسىنىڭ ئالدى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ قالدى.

  شۇ كۈنى ئومۇمىي يىغىنغا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەزالىرىدىن 83ى قاتناشتى، كۆپچىلىك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى ئايدا چىقارغان قارارى، يەنى 2024-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان شەھەرلەردىن پەقەت لوس-ئانژىلىس ۋە پارىژ شەھىرى قالغان ئەھۋال ئاستىدا، 2028-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى 2024-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەن شەھەرگە بېرىشنى بىردەك ماقۇللاپ، بۇنى خەلقئارا ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ مۇقىم، سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە پايدىلىق، دەپ قارىدى.

  يىغىندا يەنە مۇنۇلار قارار قىلىندى: لوس-ئانژىلىس ۋە پارىژ شەھىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دەرھال ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، «ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى» تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۆھبەت ئارقىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قايسى شەھەر ئالدى بىلەن ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىدۇ. بۇ، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى لىمادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىلەت تاشلاشتىن بۇرۇن، ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەرنىڭ ئاللىقاچان قارار قىلىپ بولۇنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر