باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.07.12 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ــــ داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى، تىببىي دورا-ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، تىببىي مائارىپ بىلەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، تىببىي مائارىپنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تىببىي ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «5+3» ئاساس، «3+2»نى قوشۇمچە قىلىغان كىلىنىكا تىببىي ئىلمى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى قوللاش رولىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش كېرەك. 2030-يىلىغا بارغاندا، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنىڭ سىياسەت مۇھىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان تىببىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىببىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر