باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىنچلىققا تەشنا بولۇۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىققا تېخىمۇ موھتاج

2017.07.12 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئىيۇل ئىراق زۇڭلىسى ئابادى موسۇل شەھىرى مەركىزىدە دۇنياغا: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ موسۇلدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشتى، توققۇز ئاي جاپالىق جەڭ قىلدۇق، نەچچە مىڭ ئەسكەر قازا قىلدى ۋە يارىلاندى، موسۇل ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئاسان قولغا كەلمىدى. بۇ ئىراقنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنىڭ زور غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكى، شۇنداقلا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ ئىجابىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

  ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا، «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى ئىراقنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلەپ، دۇنيانى ئەندىشىگە سالغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا ھالاك بولغانلىقىدىن دۇنيا شادلاندى. موسۇل ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رايون مۇقىملىقىدىكى ئەھمىيىتى ھەممە كىشىگە ئايان، چۈنكى بۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىختىلاپلارنى قايرىپ قويۇپ، دۈشمەنگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  ئەمما ئۇرۇش تۇمانلىرى تارقىماي تۇرۇپلا يەنە بىر مەسىلە تۇغۇلدى: تىنچلىق كەلدىمۇ؟ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 20 نەچچە ساقچى قازا قىلدى، «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى بۇنىڭغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ تېررورچىلىرى ئۇۋىسى چۇۋۇلغان سېرىق ھەرىدەك ھەر تەرەپكە پىترىماقتا، ئەمما ھەرقاچان قايتىپ يىغىلىپ ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن، شۇڭا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن.

  سۇرىيەگە قارايدىغان بولساق، «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر ئۇۋىسى راققاغا قورشاپ زەربە بېرىش ئۇرۇشى ئەمدىلا باشلاندى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېلىشىشى، جۇغراپىيەلىك كۈرەش، مىللەت، دىن زىددىيىتى چىرمىشىپ بۇ ئۇرۇشنىڭ جەريانى جەزمەن تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ.

  موسۇل ئۇرۇشىدىن قارىغاندا، ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ جىددىيلىكى ۋە تىنچ يارىشىش يولىنىڭ ئۇزاقلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. موسۇل ئۇرۇشى ئاياغلاشقان بولسىمۇ، بۇ شەھەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، %90 ئىمارەت ۋەيران بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە، ئۇل ئەسلىھەلەرنى قايتا قۇرۇشقىلا بەش يىل ۋاقىت، 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن پۇل كېتىدىكەن. بىر موسۇل مۇشۇنداق بولغان يەردە، پۈتكۈل ئىراقنى قايتا قۇرۇشقا نەچچىلىك ۋاقىت، نەچچىلىك پۇل كېتىدۇ؟ پۇقرالارنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن، تۇرالغۇسى خاتىرجەم، كۆڭلى ئارامىدا بولغاندىلا تىنچلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. قايتا قۇرۇشلا ئىراقنىڭ ئەدەبىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ زىممىسىدىكى ئېغىر يۈك.

  موسۇل ئۇرۇشى ئەمدىلا باشلانغاندا، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى چۆرىدىگەن مۇنازىرە تەڭلا باشلانغان ئىدى. موسۇل ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، نېفىت زاپىسى ئىراقتىكى قىدىرىپ ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسىنىڭ تەخمىنەن %20ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن موسۇلنى كىم كونترول قىلىدۇ؟ شەھەردىكى مىللەتلەر ۋە مەزھەپلەرنىڭ نىسبىتى قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا ئىراقتىكى شىئەلەر، سۈننىيلەر ۋە كۇردلاردىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر ئەسىرگە يېقىن سوزۇلغان كۇردلار مەسىلىسى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سەزگۈرلۈكىنى تېخىمۇ بەكرەك قوزغىدى.

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدا يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىش، تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزىگىلى بولىدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تىنچ يارىشىش، قايتا قۇرۇش ئىراقنىڭ موسۇل ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى، كەڭرەك قىلىپ ئېيتقاندا، نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق رايونى تىنچلىقى، مۇقىملىقىنىڭ ئۈچ چوڭ ئامىلى.

  خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا يول يىراق. تېررورلۇقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىشتە جاپالىق كۈرەش قىلىشلا كۇپايە ئەمەس، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى تەرەپلەر ئىختىلاپلارنى قايرىپ قويۇپ، يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، داۋالغۇش ئىچىدە تىنچلىققا تەشنا بولۇۋاتقان ئوتتۇرا شەرققە لايىق جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر