باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۈرۈمچىدە يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 6611 يۈەن بولدى

2017.07.12 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلاقتاغ رايونىدا ئۆي باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر كىۋادرات مېتىرى 7577.01 يۈەن؛ مىچۈن-كۆكتاغ رايونىدا ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ھەر كىۋادرات مېتىرى 5828.87 يۈەن بولغان

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۈرۈمچىدە يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 6611 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن روشەن ھالدا ئاشقان. 11-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان 2017-يىللىق ئۈرۈمچى ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ يىل ئوتتۇرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن شەھەر بويىچە سودىدا پۈتۈشۈلگەن تاۋار ئۆينىڭ سانى 20 مىڭ 104 يۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سانى 16 مىڭ 120 يۈرۈش بولغان.

  «ئەنجۈ__365»نىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 6611 يۈەن بولۇپ، 3-ئايدىن كېيىن، ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسىدا ئۇدا تۆت ئاي 6600 يۈەندىن چۈشۈپ باقمىغان. ئىچكىرىدىكى قىزىق نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسىدا بىر تۇتاش تۆۋەنلەش كۆرۈلۈۋاتقاندا، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىدىكى ئۆي باھاسىدا تۆۋەنلەش بولماي، بىر قەدەر مۇقىم ھالەت ساقلانغان، ھەتتا ئازراق ئۆسۈشمۇ بولغان.

  يەتتە ئۈلۈش ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئۈرۈمچىلىك ئەمەس ئىكەن

  90 كىۋادرات مېتىردىن 120 كىۋادرات مېتىرغىچە بولغان ئۆيلەر ئەڭ كۆپ قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى

  ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم مۇكەممەللىشىشى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ گەۋدىلىنىشى سەۋەبلىك، ئۈرۈمچى سىرتقى جايلاردىكى ئاز بولمىغان كىشىلەرنى كېلىپ ئۆي سېتىۋىلىشقا جەلپ قىلدى، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆي سېتىۋىلىش جەھەتتە سىياسەتنىڭ بىر قەدەر كەڭ بولۇشى ئاز بولمىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.

  «ئەنجۈ__365» سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق تاۋار ئۆي سېتىلىش مىقدارى بويىچە رەت تەرتىپكە تىزغاندا روڭخې شەھىرى، شياڭيۆۋەن، ۋەنكې تۆت پەسىل گۈل شەھىرى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم 1-، 2-، 3-بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر