باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچكى موڭغۇل بىلەن ھەمكارلاشتى

چېڭچۇەن مىللىي كادىرلار ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى

2017.07.12 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئىيۇل، چېڭچۇەن مىللىي كادىرلار ئىنستىتۇتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس شەھىرى ئوتوك چيەنچې چېڭچۇەن بازىرىدا قۇرۇلدى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدىن كەلگەن 200گە يېقىن كىشى 1- قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كادىرلار ئىنستىتۇتى، يەنئەن مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ چېڭچۇەن خاتىرە سارىيى ۋە چېڭچۇەن مىللىي كادىرلار ئىنستىتۇتىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەندۇەندى ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە سارىيى ۋە ۋاڭجېن قۇدۇقى خاتىرە باغچىسى قاتارلىق ئالتە خاتىرە باغچىسى سارىيى نەق مەيداندا ئوقۇتۇش نۇقتىسى قىلىپ تەسىس قىلىنغان، كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلەش مائارىپى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلغان.

  ئوتوك چيەنچې بولسا، موڭغۇل، شەنشى، نىڭشيا قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە ۋە رايوننىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە بەرپا قىلغان كونا ئازاد رايونى ھېسابلىنىدۇ. 1941- يىلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يەنئەندە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەيدىغان يەنئەن مىللەتلەر ئىنستىتۇتى قۇرغان. 1945- يىلى، ئۇ يەنئەن مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئورنى چېڭچۈەنگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەيدىغان بۆشۈككە ئايلاندى. 1949- يىلى يەنئەن مىللەتلەر ئىنستىتۇتى مەكتەپ باشقۇرۇشنى توختاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، پىلانلاپ تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ داۋامى بولغان مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى 1951- يىلى بېيجىڭدا قۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر