باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شەنشىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تۈگىتىپ، غەربىي رايوننىڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2017.07.12 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئىيۇلدىن 11-ئىيۇلغىچە، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ چىنجيەن، ئۆلكە باشلىقى خۇ خېپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ياڭلىڭ، باۋجىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  لى كېچياڭ شەنشى ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى ياڭلىن بۆلىكىگە بېرىپ، ئەركىن سودا رايونىنىڭ «ئۈندىدار ئارقىلىق كىنىشكا بېجىرىش»، «قۇرۇلۇش تۈرىنى بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش» قاتارلىق كارخانىلارغا پايدىلىق، خەلققە قولايلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. باج ئىشلىرى كۆزنىكىدە، خىزمەتچىلەر تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ باج سېلىقىنىڭ يەڭگىللىگەنلىكى، بولۇپمۇ باج ئاساسىنى كېڭەيتىش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولغانلىقىنى تونۇشتۇردى، لى كېچياڭ ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىمى ئاممىنىڭ باھالىشىدا ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقا تايىنىپ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخى بولغان، ئىچكى-تاشقى مەبلەغنى جەلب قىلالايدىغان، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قالالايدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ، غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ياڭلىڭ ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش رايونىغا يېزا ئىگىلىكىدە ئىگىلىك تىكلەيدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان بىر تۈركۈم كارخانىلار توپلانغانىدى. لى كېچياڭ ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى قىزىقىپ كۆردى. بىر نەچچە ئىجادكار تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سورتنى ياخشىلاش تېخنىكىسىنى تونۇشتۇردى، لى كېچياڭ ئۇلارنىڭ بۇ تۈر تېخنىكىسى بىلەن دۆلەت يولغا قويىۋاتقان تۇپراقنى چوڭقۇر بوشىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياڭلىڭ دېھقانچىلىق بۇلۇت شىركىتىدە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى كۆردى، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مۇلازىمەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ لى كېچياڭ ماختاپ مۇنداق دېدى: دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئاسمانغىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقىدەك «بۇلۇت» قىمۇ تايانساق بولىدۇ. دېھقانچىلىق بىلەن «ئالاقە تورى+» قاتارلىق زامانىۋى پەن-تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈش ئاجىز كەسىپلەرنىڭ ئورنىدا كۈچلۈك ئۆزگىرىش ياسايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر