باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

6-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2017.07.12 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە قەشقەردە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 20 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇردۇق، ئۇنىڭ ئورنى-تەدبىرى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، نىشانى تېخىمۇ روشەنلەشتى، مۇھىم نۇقتىسى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، تەدبىرلەر تېخىمۇ جايىدا بولدى، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكىتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلىگەن ھالدا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇشى ۋە جان پىدالىق بىلەن تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە شىنجاڭغا ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى فاڭجېنىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر