خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئارمىيەسىنىڭ 90 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، گۇتيەن يىغىنى بىر شانلىق ئابىدە دەپ قارىلىدۇ. يىغىنىدا بارلىققا كەلگەن، تارىختا «گۇتيەن يىغىنىنىڭ قارارى» دەپ ئاتالغان قارار ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇشتىكى تۇنجى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى.
__ 1929-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى قەھرىتان سوغۇقتا، قىزىل 4- ئارمىيەنىڭ 120 دىن ئارتۇق ۋەكىلى گۇتيەن بازىرىغا يىغىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىزىل ئارمىيەسى 4-يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ 9-قۇرۇلتىيى، يەنى «گۇتيەن يىغىنى»نى ئاچتى.
ئىككى كۈن ئېچىلغان يىغىندا، ئالدى بىلەن ماۋ زېدۇڭ، جۇ دې، چېن يىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەمدە قىزغىن مۇھاكىمە قىلىندى. قۇرۇلتايدا قىزىل 4-يۆنىلىش ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ كومىتېتى ئۆزگەرتىپ سايلاپ چىقىلدى، مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، ماۋ زېدۇڭ قىزىل 4-يۆنىلىش ئارمىيەسى يېڭى ئالدىنقى سەپ كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا، جۇدې، چېن يى، لىن بياۋ، لو رۇڭخۈەن، تەن جېنلىن قاتارلىق 11 كىشى ئەزالىققا، ياڭ يۆبىن قاتارلىق ئۈچ كىشى كاندىدات ئەزالىققا سايلاندى. يىغىندا ماۋ زېدۇڭ تەييارلىغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىزىل ئارمىيەسى 4-جۈنىنىڭ 9-قۇرۇلتىيى قارار لايىھەسى»، يەنى داڭلىق «گۇتيەن يىغىنىنىڭ قارارى» ماقۇللاندى. گۇتيەن يىغىنى پارتىيە ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى